دوسلاشتۇق
(تۇققان تېپىش پالىيىتىدىن تەسىراتىم )
خەلچەم خېلىل
گۈل چىمەنلىك باغلاردا گۈل بولماققا دوسلاشتۇق،
قاراڭغۇنى يۇرۇتقان نۇر بولماققا دوسلاشتۇق،
ئىش ئەمگەكتە مېھنەتتە جۆر بولماققا دوسلاشتۇق،
ئىناقلىقنى كۇيلەشتە خور بولماققا دوسلاشتۇق.
ئىناق بولسا جەمىيەت ھەممە جانلار كۈلمەمدۇ،
پەرزەنتىمىز سىرتلاردا ئەركىن ئويناپ يۈرمەمدۇ،
تەقى تۇرۇق چىرايدا نۇر تۈكۈلۈپ تۇرمامدۇ،
ئىناقلىقتىن چاقنىغان دۇر بولماققا دوسلاشتۇق.
ھەممە مىللەت بىر تۇققان بىر نىيەتتە گۈللەيمىز،
يىغلاپ قالسا بىر يۈرەك شاتلانمايمىز كۈلمەيمىز،
تەڭ يىغلايمىز تەڭ كۈلۈپ ۋەتەننى تەڭ كۈيلەيمىز،
ئىناقلىقتىن ياسالغان يول بولماققا دوسلاشتۇق.
ۋەتەن دىگەن بىرتەندۇر،قول سۇنسا پۇت ئاغرىيدۇ،
دەزكەتسە گەر يۈرەككە جىمى جانلار ساغريدۇ،
ئەگەر بىرلىك بولمىسا توپمۇ سىرتقا قاڭقىيدۇ،
ئىناقلىقتىن يېزىلغان قۇر بولماققا دوسلاشتۇق.
2016.10.17
71 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-20 12:08:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-28 18:25:30 | ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك |
بەلەن يېزىپسىز تىخىمۇ تىرىشقىن .... سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|