ھەرنەپەس بىزلەرگە ھەدىيە ئھتىمال
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
كۈن چقىپ پاتقىچە، ئاي چىقار يەنە،
ئايدىن جاي تالىشپ يۇلتۇزمۇ ئەنە.
بۈگۈننى تىچ-ئامان ئۇزاتساڭمۇگەر،
ئەتە(راس)نە قسمەت كۆرەسەن يەنە.
سۈبھىدەنورچچپ چققان زەر قوياش ،
ئاماندۇر«شۈكۈر»گە ئىگلگەندەباش.
غاپىلغا پەرۋاسىز ئۆتسە بۇ كۈنلەر،
غورۇرغا مۈشكۈلدۇربەزىدە ياشاش .
ھەر نەپەس بىزلەرگە ھەدىيە، ئھتمال،
مھمانسەن !،دۇنياغا،شۇنى بلىپ قال.
كەلىمكڭ نە سەۋەپ، كەتمكىڭ قاچان؟
قويوپ يۈر ئۆزۆڭگەشۇنداق بىر سۇئال.
بىرئۇچۇم تۇپراقتۇر،بىلەمسەن ئەسلىڭ؟
رەڭگا-رەڭ ئۆتسمۇ نەۋباھار پەسلىڭ.
ئادەمسەن!!! ئادەمدەك ياشيالىمساڭ،
شەنىڭگە نىمە دەر، ئەۋلادىڭ ، نەسلىڭ .
بىرىلەر قىز يارىلار ، بىرلىرى ئوغول،
تۆرەلىمش ئاشۇنداق، قلسەن قۇبۇل.
زار بولوپ قاغىجىرار، بۇردا زاغىرغا،
ئاقنانغا«شۈكىران»كۆتۆرمگەن قول.
2017-يىلى12-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
| 36 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-12 11:01:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|