2017-نورۇز سوغىسى
ئابدىۋەلى مۇھەممەد
كىچە يېرىم كىچىدە،
مۇڭ چۈشمنىڭ ئىچىدە .
نورۇز بوۋاي سۆزلەپتۇ،
نورۇز ئەھلى ئىچىدە .
ئەلگە باھار ئەپ كەلدىم ،
يىڭى سوغا سەپ كەلدىم .
بۇ سوغىنىڭ دەستىدىن ،
گۈللىنىڭلار دەپ كەلدىم .
چىقتى چوڭلار ئالدىغا ،
ئالى ھۆرمەت سالامدا .
نىمە؟ سوغا ئەپ كەلدىڭ ،
نورۇز ئەھلى ئاۋامغا .
نورۇز بوۋاي بىر قاراپ ،
ساقىلىنى بىر تاراپ .
نىمە كېرەك سىلەرگە ،
سۇئال سالدى ئۇ سوراپ .
ھەممە جىمىپ كىتىشتى ،
چوڭقۇر ئويغا پىتىشتى .
ۋاراڭ -چۇرۇڭ قىلىشىپ ،
ھەممە دەرتنى ئىتىشتى .
بونداق تالاش-تارتىشتىن ،
نەتىجىسىز قايتىشتىن .
ئەنسىرىگەن بىر دانا ،
سۆز باشلىدى ھالقىشتىن .
دانا تەمكىن سورىدى ،
ھەم غەۋغانى تورىدى .
باشلانماستىن ھىچبىر سۆز ،
ھەممە ئۇنى ئورىدى .
قۇرساقلاردىن غەملەر يوق ،
كىيىم-كىچەك كەملەر يوق .
بۇ ھاياتنى بىلشتە ،
دىگەنكىدەك پەملەر يوق .
گاڭگىرايمىز بەزىدە ،
ياشاشنىڭ بۇ پەرزىدە .
ھەتتا ھېرىپ چارچايمىز ،
پەرزەنتلەرنىڭ قەرزىدە .
ھەممە پۇلغا دۈم چۈشتى ،
پول تاپقانلار راس ئوچتى .
غەمدىن خالاس بولمىدى ،
بىشىغا ھەم كۈن چۈشتى .
تۇرمۇش ياخشى بولغاچقا،
يانچۇق پۇلغا تولغاچقا .
مولچىلقتىن كېرىلدۇق،
غەمسىز خوشال بولغاچقا .
بۇ كېرىلىش دەستىدىن،
بالا كەلدى بىزلەرگە.
شەرمى ھايا ئۇنتۇلۇپ ،
ئۇيۇن بولدى قىزلەرگە.
پۈتۈن ئىنسان ئالدىراش ،
تۈزۈك يىمەي ئىسسىق ئاش .
بوپ قالدىغۇ بىزلەرگە ،
ھىچ مەناسىز بىر ياشاش .
بەك گاڭگىردۇق ھاياتتا ،
شۇڭا قالدۇق ئۇياتتا .
نورۇز بوۋاي جاۋاپ بەر ،
بەخىت زادى قاياقتا .
ھەممە جاۋاپ كۈتۈشتە ،
جىم بۇلۇشتى سۈكۈتتە .
نورۇز بوۋاي باشلىدى ،
شۇنداق ياخشى ئۈگۈتتە .
يامان ئىللەت سىلەرگە ،
قول سۇنۇپتۇ كۈنەرگە .
ھاكاۋۇرلۇق دەرىخى ،
ساي تاشلاپتۇ ھۈنەرگە .
ھاكاۋۇرلۇق ئەسلىدە ،
نادانلارنىڭ نەسلىدە .
نىمە قىلسۇن ئويغۇردا ،
مۇشۇ نورۇز پەسلىدە .
مەيلى بوپتۇ سالاۋات ،
بۇنىڭغىمۇ بار ناۋات .
بۇ ناۋاتنى قەدىرلە ،
مەنا بېرەر بۇ ھايات .
بۇ سوغىنى بەرسەم گەر ،
ياخشى ساقلا ئەركەك ئەر .
قىممەت بىلەن ياشىغىن ،
پىشانەڭدىن تۈكۈپ تەر .
ئۇنىڭ نامى بىلىمدۇر ،
ھېكىمەت ھەم ئىلىمدۇر .
ياماق سالساڭ ئىللەتكە ،
شۇنداق ياخشى يىلىمدۇر .
پۇل كەتمەيدۇ ئۇنىڭغا ،
ھايات ئۆزى دەسمايە .
تەپەككۇردا ئىزدىنىپ ،
ھەركەت قىلساڭ كۇپايە .
ئۆزەڭ بولغىن ئەۋرىشكە ،
بالاڭ بولسۇن پەرۋىشتە .
ياخشى ھايات ئەنە شۇ ،
ھەرگىز ئەمەس ئەرىشتە .
بۇ سوغامنى ئىلىڭلار ،
قەلبىڭلەرگە سىلىڭلار .
رۇھىڭلارنى تازىلاپ ،
ياخشى ئىنسان بۇلۇڭلار .
شۇندا سوغات تارتىلدى ،
سوغات ئەلگە كار قىلدى .
بىلىم بىلەن ئويغۇرنى ،
تائەبەد كە يار!!قىلدى .
توساتتىنلا بىر ئاۋاز ،
شۇنچە مۇڭلۇق چالدى ساز .
سائەت ئىكەن ئەسلىدە ،
تاڭ سەھەرگە چاپتۇ ساز .
ئويلاپ قالدىم جىممىدە ،
ئۆينىڭ ئىچى ھىممىدە .
چۈشۈم ئىكەن ئەسلىدە ،
مۇشۇ نورۇز پەسلىدە .
ئاپتورى: ئابدىۋەلى مۇھەممەد (قورغانى)
| 13 قېتىم كۆرۈلدى | abdiwali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-22 7:09:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|