سەن قەلبىمدە يىڭى بىر شىئېر
ئەكبەر ئىدرېس ئەرچىن
كەچمىشىم ئۆتمەكتە ئالدىمدىن بىر بىر ،
كەچمەكتە ئىسىمدىن كونا شىئېرلار .
تاتىلاپ ساقايماس جاراھىتىمنى ،
كۈلمەكتە مەسخىرلىك كونا تۇيغۇلار .
بۇ تۇيغۇ بۇ شىئېر كونىراپ كەتكەن ،
بەلكىم مەڭگۈلۈك ۋىسالسز ئارمان .
يىزىلماس بەلكىم ئەمدى مەڭگۈگە ،
چۈنكى ھەممىسى قىلىنغان پايخان .
سەن قەلبىمدە يىڭى بىر شىئېر ،
ئۆتمۈشۈمگە خاتىمە بەرگەن .
سەن گۈلچى قىز مەن ئۈچۈن ئەڭ ساپ ،
مۇھەببىتىڭ گۈلىنى ئۆستۈرگەن .
يىزىلىدۇ قەلبىڭگە جىنىم ،
تىلدا داستان بولغۇدەك شىئېر .
كەل گۈل پۇرات ئاپئاق بىتىڭدە ،
سەن قەلبىمدە يىڭى بىر شىئېر ……
2016.يىلى 30.نويابىر كۈيتۈن
| 198 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-1 23:49:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|