بۇ كېسەل
مەمەتجان سەمەت
كېچە كۈندۈز قىيناپ ئاجىز تېنىمنى ،
كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىتتى بۇ كېسەل .
نەگە باراي داۋا ئىزدەپ مەن ئەمدى ،
زار قاقشىتىپ ئازار بەردى بۇ كېسەل .
پۈتۈن دۇنيا بىساتىمدىن ئايرىدى ،
مېنىڭ ئۇچار قاناتىمنى قايرىدى .
ياكى تىزلا بۇ جېنىمنى ئالمىدى ،
قانداق قىلاي دىلنى ئەزدى بۇ كېسەل .
قىينالساممۇ پەرۋا قىلماي نالەمگە ،
چاپلاشتىغۇ ئاجرىماسقا ئادەمگە .
يوق بولغاچا ھېچ بىر داۋا ئالەمدە ،
مېنى بەكلا ھاردۇر ۋەتتى بۇ كېسەل .
بەرگىن ماڭا ھەي ئىلاھىم بىر شىپاھ ،
سەنسىز ھەركىز تەۋرىمەيدۇ بىر گىياھ .
بولغىن ئۆزۈڭ مەن غرىپقا باش پاناھ ،
ئارام بەرمەي قىيناپ كەتتى بۇ كېسەل .
ئاپتورى : مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : چ چ . 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
| 586 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-21 17:42:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|