ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
يۈرىكىدە تۇرمۇس تەشۋىشى ،
ئۆتكەن بىلەن قۇرسىقى توقتەك .
ئاقار ھامان كۆزلەرنىڭ يېشى ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
بايلارنىڭمۇ دەردى بار بايدەك ،
يوقسۇز نىڭمۇ دەردى بار تاغدەك ،
دەرد ئەلەملەر باقىۋەندىدەك ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
بىرلىرنى تۇرمۇش قىينايدۇ .
تۇرمۇش ئۈچۈن كۈندە يىغلايدۇ .
دەرد ئازابلار يۈرەك تىلغايدۇ .
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
گاھى يامان يوقلۇقنىڭ غېمى ،
تولۇق بولماي تۇرمۇشنىڭ كېمى .
قىينىلدۇ ئىنساننىڭ جېنى ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
كۈلۈپ ئوينار بەزى بىرلىرى ،
يىغلاپ ياشار بەزى كۈنلرى .
شۇنداق ئۆتەر ھايات يوللىرى ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
ئالەم دىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ،
دەردى تۇگمەس ئىنسان بولغاننىڭ ،
كەچمىشى بار ھەر تىرىك جاننىڭ ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
مەيلى ئايال مەيلى ئەركىشى ،
تۈگمەيدۇ ھايات ئەندىشى .
قىيناپ ئۆتەر دۇنيا تەشۋىشى ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
ئۇشبۇ ئالەم ئىنسانغا سىناق ،
ياشتىن قۇرماس كۆزلەرنىڭ چىناق .
ئۆتەلمەيمىز دەرد لەردىن يېراق ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بارتاغدەك .
مەيلى بولسۇن سەنئەتكار چولپان ،
ياكى ئالىم ياكى بىر پەلۋان .
دەرد ئەلەمگە مۇپتىلا ئىنسان ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
دەردى كۆپتۇر ئۇشبۇ جاھاننىڭ .
دەرىدى كۆپتۇر ھەر بىر ئىنساننىڭ .
دەردى كۆپتۇر يارالغانلارنىڭ ،
ھەر بەندىنىڭ دەردى بار تاغدەك .
ئاپتۇر ئەجرىگە ھورمەت قىلىپ ئىسمنى ئۆچۇرمەڭ
ئۈندىدار 2318334127
2016..11..10
| 86 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-12 9:56:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|