رېتىمىڭغا قايتقىن يۈرىكىم

ئېزىقتۇرۇپ زېھنى مەيلىمنى،

 تىتىرەيسەن نازۇك يۈرىكىم.

مۇڭلىنىسەن بىراۋلار ئۈچۈن،

 كىملىكىنى بىلمەيسەن بەلكىم.

 

 ئىنتىلسەن مەۋھۇم مەنزىلگە،

كۈتمەس ئەمما ئۇ يەردە ھېچكىم.

يېنىشىڭنى بىلسەڭمۇ مەيۈس،

بارغۇڭ كېلەر لېكىن، ئاھ لېكىن!

 

كىملەرنىدۇر ئىزدەيسەن پىنھان،

مىسكىنلىككە ئىزدەپ تەسەللى.

سىردىشسەن غايىۋى بىراق،

ھېچكىم كەلمەس سېغىنىپ سېنى.

 

رېتىمىڭغا قايتقىن يۈرىكىم،

 ئادەملەردىن كۈتمىگىن ئۈمىد.

مەيلى تەنھا ئېيتقىن ناخشاڭنى،

بىپەرۋاغا قالمىغىن كۆنۈپ.





242 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-20 17:03:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-29 12:04:37 ئ‍اق لالە
بەك ياخشىى يىزىلىپتۇ 🌺🌺🌺
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ