خوش گۈلۈم - قىزىل تۇمان

خوش گۈلۈم 

  قىزىل تۇمان 


 خوش دېمەيلا كەتتىڭ سەن يىراق،
ئويۇنچۇق بولدۇم ساڭىلا مەن.
خوش بولدىمۇ سېنىڭ شۇ كۆڭلۈڭ؟
ھەر كۈنى ئازابتا قالسام مەن.

ئازابتا  قالدىم مەن بۈگۈن يار،
دۇنيا بولدى ماڭا بەكمۇ تار.
ئىشەنمىسەم بوپتىكەن باشتا،
ئىكەن سېنىڭ كۆڭلۈڭ بەكمۇ قار.

پۇشايماندا يىغلايمەن بۈگۈن،
ئازاب ھەسرەت قىينغاچ جاننى.
ھامان بىر كۈن سەنمۇ يىغلايسەن،
ئېسىڭگە ئالغاندا سەن مېنى .

خوش گۈلۈم ئامان بول مەڭگۈگە،
بەخىت تىلەيمەن يايرىم ساڭا.
ئۆتكەن كۈنلەر بولسۇن ئەسلىمە،
بەخت تىلەيمەن يار بىرساڭا.

ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلماڭ.
ئاپتورى ئۈندىدار نومۇرى.15292532364
     





56 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-12 13:40:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ