قېنى ماڭا ئاشىق يۈرەكلەر

قېنى ماڭا ئاشىق يۈرەكلەر

 

دەيمەن قېنى ماڭا ئاشىق يۈرەكلەر؟

 نەدە تىنەپ يۈرگەندۇ دەيمەن.

 قۇتۇلغانغا خوش بوپ مىنىڭدىن،

 خۇشال خۇرام كۈلگەندۇ دەيمەن.

 

 ئۆزگىلەرگە تۇتۇپ گۈلدەستە،

 ھايات پەيزى سۈرگەندۇ دەيمەن.

 ئۇيۇنچۇق قىلىپ ئۆزگە قەلبىنى،

 يەنە باشقىغا كۆيگەندۇ دەيمەن.

 

 تەلمۈرگەندە شەيتان كۆزلەرگە،

 شەھلا كۆزلەر قالغاندۇ دەيمەن.

 ساڭا كۆيدۈم جانان دىگەن سۆز،

 ھەييارلارچە يالغاندۇ دەيمەن.

 

ئۆزگىلەر كىلىپ سالغاندا جاپا،

 پۇشايماندا قالغاندۇ دەيمەن.

 يېشىل ياپراققا تەككەندە ئۈششۈك،

 ۋىجدانىنى تاپقاندۇ دەيمەن.

 

 شازادەم مەممەت « شەبنەم »

 ئۇچتۇرپان ئاخيار

 چۈش 2015 , 10 , 2

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ





359 قېتىم كۆرۈلدى شازادەم مەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-3 23:50:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ