يالغۇز ئانا


يالغۇز ئانا

ھىدايەت

سۇپا ئۈستىدىكى كونا كۆرپە ئۈستىدە ياتقان رەيھان ئانا نۇرسىز كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ سوزۇلۇپ ياتاتتى.

يالغۇزلۇق ۋە جىمجىتلىق ئۇنىڭ ھەمراھى ئىدى .ئېرى ئۆلۈپ كەتكىلى ئون يىلدىن ئاشقان بۇ ئانىغا چوڭ ئوغلى ئون بەش ياشتا كىچىك ئوغلى سەكككىز ياشتا قالغان بولۇپ،چوڭ ئوغلىنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئوقۇتۇپ، ئۆىلۈك- ئوچاقلىق قىلىپ كىچىك ئوغلىنى قاتارغا قوشقۇچە تارتمىغان جاپاسى قالمىغان بىچارە ئانا دائىم مۇشۇنداق يالغۇز ئىدى.ئۇ دائىم يالغۇز قالغاندا مۇشۇنداق بىر نۇقتىغا تىكىپ جىمجىت ياتاتتى.ئۇ شۇنداق ياتقىنىچە ئاستا- ئاستا خىيالغا كەتتى.

ئۇمۇ بۇرۇن مۇشۇ يېزىنىڭ گۈزىلى ئىدى، ھەممە يىگىتلەر ئۇنىڭ ئوتىدا پەرۋانە ئىدى،ئۇ ئون ئالتىگە كىرگەن يىلى ئاتا- ئانىسى ئۇنى ئالدىنقى مەھەللىدىكى ئىسمايىل ئاخۇننىڭ ئوغلى توختىغا ياتلىق قىلغانىدى.ئۇ توي قىلىپ ئوغلىنى ئون يىلدىن كېيىن تۇغقان ئىدى، شۇ ئارىلىقتا ھەر ئىككى ئائىلىدە ئاز بولمىغان توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ ،ئەمما توختى ئۇنى بىرە قېتىممۇ ئەيىبلەپ باقمىغانىدى.ئۇلار شۇنچە ئىناق ئۆتەتتىكى،ھەرگىزمۇ ئازارلىشىپ قالمايىتتى.شۇنداق بولغاچقىمىكىن،پۈتۈن مەھەللىدىكىلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلاتتى.ئۇلارنىڭ خۇشال كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمىدى،توختى تۇيۇقسىزلا ئالەمدىن ئۆتتى،شۇنىڭ بىلەن رەيھان ئانا قەدىناسىدىن،ئىككى ئوغلى ئاتىسىدىن ئايرىلدى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى ئۆچتى.رەيھان ئانا شۇنىڭدىن تارتىپ تىنىم تاپماي ئىشلەپ چوڭ ئوغلىنى ئالي مەكتەپتە ئوقۇتتى،ئەمما ئۇ ئانىسىنىڭ قەدرىگە يەتمىدى،ئۇ شەھەردىكى بىر ئورۇندا دۆلەت خادىمى ئىدى،ئايلاپ ىىللاپ بۇ سەھراغا كېلىپ قويمايتى،ھە دېسىلا مەن ئالدىراش دەپ باھانە تاپاتتى.بىر يىل بۇرۇن كېلىپ ئانىسىنى شەھەردىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ ھەپتە تۇرغۇزغىنىدىن تارتىپ، مۇشۇ كەمگىچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن ئىدى.ئانا ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇ يەرگە كۆنەلمىدى ئەمەس ئۇ ئائىلىگە سىغمىغانىدى.كېلىنىنىڭ دومسىيىشلىرى،تاراق- تۇرۇقلىرى ئۇنىڭغا ياقمىدى بولغاي ھەپتە تۇرۇپلا كۆنەلمىدىم،يەنىلا سەھراغا كېتەي ئەنسىرىمەڭلار دەپ يېنىپ چىققانىدى.ئوغلى ئانىسىنىڭ باشقىلارنىڭ كىرىنى يۇيۇپ،تامىقىنى ئېتىپ،تىنماي ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ ئوقۇتقان ئانىسىغا يېرىم يىللىق مۇئاشىدىن باشقا ھېچنىمىنى كۆرسەتمىدى.كىچىك ئوغلى بولسا، بالدۇرلا مەكتەپتىن چىقىۋالغاچقا، يامان يوللاردا يۈرۈپ لاغايلاپ يۈرەتتى.شەھەردىكى بىر يەردىن خىزمەت تاپتىم دەپ چىقىپ كەتكەنچە مانا بىر ئايدىن بۇيان قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەن ئىدى.بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا يېقىن خوشنىىسى تاماق سۇنۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن باشقا بىرەرسى،ھالىڭ نېچۈك دەپ باقمىغانىدى.غىچ قىلىپ كونا ئىشىك ئاستا ئېچىلدى، رەيھان ئانا ئاستا ئورنىدىن تۇردى،ئىشىكتىن ئون ئۈچ ياشلاردىكى ئوماق قىز بىر چىنە چۆپ ئاشنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى،بۇ خوشنىسىنىڭ قىزى گۈلنۇر ئىدى ئۇ تاماقنى كونا شىرە ئۈستىگە قويۇپ، ئويناقشىغىنىچە موماينىڭ ئولتۇرغىن قىزىم دېيىشىگە قارىماي چىقىپ كەتكەن ئىدى، موماينىڭ ئورنىدىن تۇرغۇدەك مادارى يوق ئىدى،ئۇ شۇ ياتقانچە كېچە سائەت ئون ئىككىگىچە ياتتى.موماي كۆپ جاپا تارتقاچقىىمىكىن بالدۇر قېرىلىق يەتكەن ئىدى،ئۇ بالام، ئۆيۈم دەپ ئېرىشكىنى يالغۇزلۇق،سوغۇق مۇئامىلە ئىدى .ئۇ بىر ئاي بۇرۇن دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتسە ئاق قان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دېگەن ئىدى،ئۇ بۇ گەپنى ھېچكىمگە تىنمىدى.

ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى، ھالسىز قەدەملىرىنى سۆرەپ، ئاستا تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى ئاندىن،يەنە ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

ئۇنىڭ لەۋلىرى قۇرۇپ كەتتى،قورۇق باسقان يۈزلىرى ئارىسىدىكى نۇرسىز كۆزلىرى ئاستا يۇمۇلۇشقا باشلىدى.

تۈگىدى.





343 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:02:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-30 20:14:15 atikam
bak yahxikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ