يىگىتلەر
(مۇخەممەس)
ھەسەنجان مەمىتىمىن (ئۇچقۇن)
ئاتا-ئانا زور بايلىق ئونتۇپ قالماڭ يىگىتلەر،
قېرىنداشتىن تۇققاندىن يىراق قاچماڭ يىگىتلەر.
دۇنيانى دەپ پۇلنى دەپ غەمگە پاتماڭ يىگىتلەر،
يانداش بولۇپ ناكەسكە چاپان ياپماڭ يىگىتلەر،
خاتا يولدا مېڭىپ ھەم زىيان تارىتماڭ يىگىتلەر.
.............................................
نە لەززىتى ھاياتنىڭ يۇرۇتقا تۆھپە قوشمىساڭ،
يىتىم قالسا ئاچ ئۇسسۇز ئۇنى توقلاپ قويمىساڭ.
مىسكىنلەرنىڭ كەپىسىدە بىرەر كىچە قونمىساڭ،
چاڭقىغاننىڭ چىنسىگە تامچە زەم-زەم قۇيمىساڭ.
ئەل غېمىدىن بىخەۋەر ئۇخلاپ ياتماڭ يىگىتلەر!
.............................................
يىتەرلىك دەپ ئويلىماڭ كۈندە قورساق تويسىلا،
مىنەرگە ئات،يېنىڭ توم خەجلەشكە پۇل بولسىلا.
ئالدانما ھەم ئالدىراپ دوسلار داڭلاپ قويسىلا،
تۈگەيدۇ ئاھ ! ھەممىسى سېنى ئەجەل يۇتسىلا.
ئىز قالدۇرۇڭ ھاياتقا نانچى بولماڭ يىگىتلەر!
............................................
بىلىم دىمەك گۈھەردۇر بىزگە ھەمراھ ھەرزامان،
بىلىملىكلەر ھەر يەردە خار بولمىغان ھېچقاچان.
بىلىمى يوق ناداننىڭ كۈنى ئۈتەر بەك يامان،
يوللىرىڭنى يورۇتقىن چىراق بولۇپ ھەر قاچان،
بىلىم ئۈچۈن قەدەمنى مەغرۇر تاشلاڭ يىگىتلەر.
............................................
كىتاپ بولسا قۇرالىڭ تۈگۈمەستۇر ئوقلىرىڭ،
كۈيەر دائىم لاۋىلداپ گۈلخان كەبى ئوتلىرىڭ.
باھار ساڭا ئەبەدىل تۇمۇز-يازىڭ جۇتلىرىڭ،
يارىشىدۇر ئان ساڭا تاپقانلىرىڭ قۇتلىرىڭ.
دەرياسىدا ئىلىمنىڭ ئورغۇپ قايناڭ يىگىتلەر!
............................................
ئۇنۇتمىغىن ۋىجداننى ھەق ياشىغىن داۋامەت،
كۆيۈپ قىلساڭ ئىشىڭنى بەركەت بىرۇر دارامەت.
ياشلىقىڭدا تىرىشقىن سۈرەي دىسەڭ پاراغەت،
يۈكسىلىسەن شۇئاندا تېپىپ ئابروي-ئىناۋەت.
چولپان كەبى مىللەتتە مەڭگۈ چاقناڭ يىگىتلەر!
...........................................
چەتنىمەيلى ئۆزلۈكتىن بىرلىپ ئەيشى-ئىشرەتكە،
يەم بولمايلى قايغۇرۇپ باشقا كەلگەن قىسمەتكە.
ۋەتەن مۇھتاج ھەر دائىم جاسارەتلىك ئەركەككە،
يولباش بولۇپ مىللەتكە سۆز قوشايلى ھىكمەتكە.
ئەل قەلبىدە مەڭگۈدىن-مەڭگۈ ياشناڭ يىگىتلەر!
............................................
ئاپتۇرى:ھەسەنجان مەمىتىمىن ئۇچقۇن
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇۋاڭجۇ
كوت-كوت ھەم ئۈندىدار:731725280
306 قېتىم كۆرۈلدى | hasanjanuqk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-14 1:08:12 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|