يۈرەككە خىتاپ
ئاھ يۈركىم نىم بولدى ساڭا،
يۈرەتتىڭغۇ توختىماي سايراپ.
نالە قىلما بولما پەرىشان،
دۈشمەنلىرىم كەتمىسۇن يايراپ.
بولدى قىلغىن قايغۇرما بۇنچە،
كەتسە مەيلى توسما يولىنى.
ئېچىۋەتكىن ئىشىكنى داغدام،
تېپىۋالسۇن مەندىن ياخشىنى.
ئوخشاتمايتىم ھېچ بىر كىشىگە،
چىن دىلىمدىن كەلگەنتىم سۆيۈپ.
دەت كەلسىمۇ بەرگەنتىم بەرداش،
ئىشىق ئوتىدا گۈلخاندەك كۆيۈپ.
ئادەم دىگەن ھۆل نەرسە بولغاچ،
ئۆلمەس ئىكەن كۆيەك ئوتىغا.
ئەقىلسىزلىق قىلىپ گاھىدا،
پالتا چاپۇر ھەتتا پۇتىغا.
چۈشەنمىدىڭ سەبىي كۆڭلۈمنى،
چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت.
خاتا كۆرگەن كۆزۈمگە ئۇراي،
يوقالدىمۇ سەندە دىيانەت.
مەن بىلىمەن ئىزدەيسەن ئەتە،
كىچىكىسەن شۇ چاغ ئەلۋەتتە.
ئەتە بەلكىم كەچۈرگىن مەن يوق،
ئاھ ئۇرىسەن تۈگمەس ھەسرەتتە.
ئاقتى بۈگۈن قانلىق ياشلىرىم،
ئەسلەپ سىنى يىغلىدىم زار زار.
ئۇقۇپ قويغىن بۇ ئۆتنە ئالەم،
بولۇپ قالما سەنمۇ مەندەك خار.
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
2016-يىلى9-ئاينىڭ21-كۈنى(ئۈرۈمچى)
47 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-23 20:42:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|