دادا
ئىمىنجان ئابدۇرىھىم
ئېرىقلاردىن يۈدۈپ ئاتلىغان،
بايدەك باققان كونا كەپەڭدە.
يۈرۈكۈڭنى سۇغۇرۇپ ماڭا،
بەرگەن ئىدىڭ كۈلۈپ بەرگەنگە.
ئۆچۈپ قالغان شامىم ياندى دەپ،
ئۈمۈد يانغان نۇرسىز كۆزۈڭدە.
رەڭگى-روھىڭ ئۆڭۈپ سارغايغان،
ياش ئوينىسا مەسۈم يۈزۈمدە.
قويمىغانتىڭ بىرەر رەت يالغۇز،
يىتىمسىراپ قالمىسىكەن دەپ.
بالدۇر ساڭا يەتتى قېرىلىق،
بالام دەپلا كۈنۈ-تۈن غەم يەپ.
تۇغۇلغاندىن تا بۈگۈنگىچە،
گۆھىرى بوپ كەلدىم كۆزۈڭنىڭ.
ئاشقاندىمۇ يېشىم ئوتتۇزدىن،
ئاستىدا سەن تېخى يۈكۈمنىڭ.
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | ئىمىنجان ئابدۇرىھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-7 10:45:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|