بايقاش

بايقاش

 

 سەيپىدىن ئ‍امۇت

 

كۆزلەرىمگە كۆز قوشتى بىرلەر،

 نەملىرىمدىن نەم سۇقۇشتۇرۇپ.

 ئ‍ەتە ئ‍ۈچۈن تۈزمەكتە پىلان،

مېنى دەرددىن چىقماقچى يۇلۇپ.

 

 ئ‍ىچ-ئىچىمدە ئ‍ەزگە ھېسىيات،

 توختىماستىن تۇرىدۇ قايناپ.

 ئ‍ىشتىھالىق ئ‍ارزۇ-ئ‍ارمىنىم،

 غەشلىرىمنى يىمەكتە چايناپ.

 

 مەنزىلىمدۇر ئ‍ۇ شۇتاپ ئ‍ېنىق،

 چېتىۋالدى مېنى ئ‍ۆزىگە.

 ئ‍ۇ پۈتۈپتۇ ئ‍ىسمىمنى بېزەپ،

قېنى بىلەن ئ‍ۆمۈر بېتىگە.

 

 خوشاللىقتىن ياش ئ‍ۈزمەكتىمەن،

 يۈرۈكۈمدىن ئ‍ېرىقلار ئ‍ېچىپ.

قايغۇ دېگەن ئ‍ەزگۈ ئ‍ۆلۈمتۈك،

ئ‍ېقىنىدا تۇنجۇقتى ئ‍ېقىپ.

 

 ئ‍ەركىن تىنىق ئوينىدى لەرزان،

سۇلاردىكى ئ‍ەركە بېلىقتەك.

 تەن ئ‍ۇنتۇلۇپ كۆيەرۇ-كۆيەر،

 قەۋىم ئ‍ىچرە مىڭلىغان ئ‍ەركەك.

 

 تەرىك ئ‍ېتەر ئ‍ۆزىنى كىممۇ،

 شۈبىھلىنىپ ھاياتلىقىدىن.

 تۇپراقدىشىم بىلدىڭ نېمىلەر،

كۈتەر بولدى ئ‍ەل-ۋەتەن بىزدىن؟

 

 2015.18 ئ‍ىيۇل





142 قېتىم كۆرۈلدى 1727758308 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 8:38:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ