سۆيگۈ ۋىسالى
____مەردان ياقۇپ(غۇلجا)
بىرى كەم دۇنيانىڭ ھەيران قالمىدىم ،
سۆيۈلگەن خان بولسا سۆيگەنلەر خاراپ،
بىلمىدىڭ سەن ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى ،
شۇڭلاشقا يۈرەكتە لىققىدە ئازاپ ،
سەن ئۈچۈن كۆيەرگە يۈرەكلەر كۆپتۇر ،
ۋە لېكىن كۈتەرگە يۈرەكلەر قېنى ،
سۇنۇلدى پاك قەلبىم پەرۋا قىلمىدىڭ ،
يۈرۈگۈم پەقەتلا سۆيگەن بىر سېنى ،
ئاشىغىم دېگەنلەر ئۇنۇتتى بەلكىم ،
قېزىقىش بىر ھەۋەس ئۇ سۆيگۈ ئەمەس ،
ئۇنۇتما ئىزھارىم ھەقىقى سۆيگۈ ،
ھەۋەسسز سۆيگۈلەر بىردەملىك ئەمەس ،
نە ساۋاپ نە گۇناھ ئايرىغانلار ئاز ،
ياشايمىز نە ئۈچۈن نېشانىڭ قېنى ،
ئېبرەت ئال ئۆتمۈشتىن ئاچچىق كۈلۈپ قوي ،
كۆردۈڭمۇ دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى ،
پۇرسەت بەر ماڭا ھەم ئۆزۈڭگە بىر رەت ،
ھەقىقى سۆيگۈنىڭ يوللىرى بەك تار ،
تىكىلسە قارا كۆزتەشۋەشلەنمىگىن ،
قورۇقما گۈلۈم سەن يېنىڭدا مەن بار ،
بىر ئۆمۈر كۈلەرگە ئىنسان بەك ئاجىز ،
يىغىلساڭ بەزىلەر كۈلۈپ يۈرىدۇ ،
رول ئالار ئېنسانلار دۇنيا بىر سەھنە ،
نەزەر سال كۈلگەنلەر يىغلاپ يۈرىدۇ ،
ئۆتمۈشۈڭ كېرەكسىز ماڭا بەرىبىر ،
مېنڭمۇ ئۆتمۈشۈم ئازاپقا تولغان ،
بەخىتتىن كۈلسەڭ گەر نەسەۋەب دېمە ،
سەن ئۈچۈن دۇئايىم ئىجاۋات بولغان ،
نەفسىمنىڭ تاللىشى ئەمەستۇر ھەرگىز،
فىردەۋىز جەننەتكە ئېلىپ ماڭغۇم بار ،
سەبىرىم يېتەركەن سېنى كۈتۈشكە ،
ئەبەتكە قولۇڭنى تۇتۇپ ماڭغۇم بار ،
2016/11/2 (新大)
_____bagwax
708 قېتىم كۆرۈلدى |
mardan118 |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-11-10 9:27:05 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-12 22:53:17 |
دىلنىگار |
ئېسىل .ياخشى يېزىپسىز |
2016-12-12 22:53:17 |
دىلنىگار |
ئېسىل .ياخشى يېزىپسىز |
2016-11-19 16:17:25 |
subinur ali |
bak yahxe yizepsa yaraysa sawakdexem maggu terexkin |
2016-11-12 9:29:48 |
ئېرشات |
سۆيگۈ ۋىسالى دىگەن بۇ شېئىر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ، بولۇپمو ماڭا بەك چۈشىدىكەن |
2016-11-12 1:22:12 |
ئاينىگار ئابدۇكېرىم |
بەك ياخشى يېزىپسەن تىخىمۇ تىرىشقىن !
ئامەت ساڭا يار بولسۇن !!! |
2016-11-12 0:28:39 |
hazereteali |
esel esel |
2016-11-11 23:49:23 |
sawakdax |
yaraysan bakyah xe qikiptu |
2016-11-11 23:34:28 |
sabila.umut |
bak kaltes yezeleptu dat barmisun davamlik yezeg terexeg |
ئىنكاس يېزىڭ