شېئىر ۋە شائىر - ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

 شېئىر ۋە شائىر
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 


شېئىر - مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېردىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان .
شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار يىپ بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان .

شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يۇپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كېتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھۇزۇر بەخش ئ‍ېتەر ؛ ئ‍ىشق ئەھلى ئ‍ۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار ؛ ياۋا توڭگۇز تۇمشۇقىنى تەگكۈزسە ، تىكىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا سانجىلار ، ھەتتا بۇرنىنى قانىتار .

شېئىر - ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نە ئ‍ىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان…
شېئىر - خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى ، پايانسىز دەشتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغۇقتىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى .
شېئىر - چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆل ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان .
شېئىر - بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەردمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شادلىق ، ئ‍اجىزلارغا ئۈمۈد ۋە كۈچ بەخش ئەتكۈچى .
شېئىر - ھاپىزنڭ ناخشىسى ئ‍ەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشىنى مۈگدەك باسىدىغان .
شېئىر - گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئ‍ويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئ‍ۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي .!

*****
شائىر - قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋىردىغان .
شائىر - خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچىچە تاڭنى چىللاپ تىنماس ؛ تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئ‍ىجادقا ئ‍ۈندەر . شۇڭا كىشىلەرنىڭ ( ئالتۇن خوراز ) ھەققىدە قىسسە - رىۋايەتلەر توقۇشى ، شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر - ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئ‍ورنىتىشى ھەرگىز تاساددىبى ئەمەس ، ھالبۇكى ، جاھان - جاھان بولغاندىن بۇيان ، ھېچكىم تېخى قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئ‍ورناتقىنى يوق .

شائىر - تۇتىقۇش ئەمەس ،نېمىنى ئۆگەتسە  شۇنى دورايدىغان ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان .
شائىر -چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر . بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ .
چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئ‍ۆز تىلى ، ئ‍ۆز سۆيگۈسى ، ئ‍ۆز تەپەككۇرى ۋە ئ‍ۆز تۇيغۇسى بار .

شائىر - كىپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقسىز قۇنۇپ ، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئ‍ېلىشنىلا بىلىدىغان .
شائىر - چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى …

شائىر - شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس… بەلكى پايانسىز دەشتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان تەمەسىز ئ‍ارسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ-تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە - بۆرىلەر ھوشىنى يىغقاي .
( پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا ، پۈتۈن ئوردا ئ‍ېچى تىترەپ كېتەتتى ؛ لىف تولستوي ئۈستەلگە بىر ئ‍ۇرسا ، پۈتكۈل رۇسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى ) دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك …
چۈنكى لىف تولستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى .

شائىر پەقەت خەلق بىلەن ، پەقەت خەلق بىلەن شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئ‍ۆلمەستۇر .
مەسىلەن : چۇي يۈەن بىلەن ئەلشىر ناۋائىي ؛ لى بەي بىلەن پۇشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش .

ئاپتۇرى : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
     


     





274 قېتىم كۆرۈلدى 944382894 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-10 0:09:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ