سۆيگۈ ھىكايىسى
رۇستەم مەخەت
قەلىمىم تەۋرىدى يەنە بىر قېتىم،
ئاڭلاڭلا خالايىق مەندىن رىۋايەت ،
ئاشىقلىق ھۆكمىدىن تۆكەي سىرىمنى ،
مەن شۇنداق ناتىۋان بولدۇم ئاقىۋەت ،
كۆيۈشكە مۇۋەققەت بولدۇم بىر مەھەل ،
شۇنىڭدىن باشلاندى ئۇشبۇ ھىكايەت ،
ئايلاندىم قەپەسكە مەھكۇم بۇلبۇلغا ،
يۈرەكنى چۇلغىدى ئوتلۇق مۇھەببەت ،
چىرايى ئاي ئىدى ئۆزى مۇلايىم ،
بىر قاراپ قويسىمۇ خۇش ئىدىم قەۋەت ،
ئۇلغايدى سېغىنىش رەشىك ئوتلىرى ،
سۆيگۈمنى ئېيتارغا ئىزلىدىم پۇرسەت ،
ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم قەلبىمدە تەشۋىش ،
مەن ئۇنى ئىزلىمەك بولدۇم نەچچە رەت ،
ئاخىرى ياڭرىدى سۆيگۈمدىن سادا ،
ساقلاشقا ھېچ سەۋرىم يەتمىدى پەقەت ،
تىكىلدىم نىگارنىڭ كۆزىگە شۇدەم ،
كۆرگىنىم شۇ بولدى تەشۋىش ھەم ھەسرەت .
چۈشەندىم ھالىنى ئېيتتىم پىچىرلاپ ،
يېنىڭدا ھەمراھ مەن ئەبەدىل ئەبەد ،
چۈشەندى نىگارىم قەلبىمنى ئاخىر ،
قوشۇلدى سۆيگۈلۈك سوقۇپ قوش يۈرەك ،
شۇنداق بىر بىھۇشلۇق قاپلىدى مېنى ،
بۇ بەلكىم ئۆمۈرلۈك بەختتىن دېرەك ،
ياخشى چۈش ئۇزۇنغا داۋام ئەتمىدى ،
ئايرىدى يىراققا رەھىمسىز قىسمەت ،
شۇم ھىجران ئوتلىرى قىينىدى شۇنچە،
چۈشۈمدە كۆرمەككە ئىزلىدىم پۇرسەت ،
ئىنتىلىپ كۈتكەن كۈن كەلدى ئاخىرى ،
ھەر نەپسىم بىلىندى ماڭا سەلتەنەت ،
سۆيگۈلۈك يۈرەكلەر ئۇچراشتى قايتا ،
ئىچىشتۇق ۋىسالنىڭ جامىدىن شەربەت ،
ھېچقاچان ئۈزۈلمەي سۆيگۈ رىشتىمىز ،
ئۆچمىدى دىللاردىن ئۇتلۇق مۇھەببەت ،
نە ئارلىق نە ۋاقت ئايرىپ بولمىدى ،
يۈرەكتە بولغاچقا ۋاپا ساداقەت،
بەلكىم بۇ ھېكايە شۇنچىلىك قىسقا ،
ۋە بەلكىم بىلىندى سىزلەرگە غەلەت ،
سۆيگىدۇر ساداقەت ۋاپا مەكتىپى ،
مەن ئېيتقان ھىكايەت دەل مۇشۇ ھېكمەت ،
2016-يىلى 2-ئاي
| 187 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2016-2-22 12:28:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|