ئازمىغان بولسام (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

ئازمىغان بولسام
مەمەتجان سەمەت

يۈرمەس ئىدىم بۇنچىلىك غەمكىن،
مەن ئەقلىمدىن ئازمىغان بولسام.
ئويلاپ  بېسىپ ھەر بىر قەدەمنى،
يامان  يولدا  ماڭمىغان  بولسام.

كۆپ قىلىپمەن ياخشى ئشلارنى،
كۆرسەم قېچىپ يامان ئىشلارنى.
ساقلاپ غۇرۇر مەن ۋىجدانىمنى،
ئەل ئالدىدا چانمىغان  بولسام.

ئاتا . ئانام  ياشلار  تۆكمەستى،
چىرايىدىن   كۈلكە  ئۆچمەستى.
مېنىڭ ئۈچۈن غەمگە چۆكمەستى،
دەرت ئەلەملەر سالمىغان بولسام.

ئۆتەر  ئىدى  غەمسىز  كۈنۈممۇ،
توزىماستى   ياشلىق   گۈلۈممۇ.
ياتماس   ئىدىم   تۈرمىلەردىمۇ،
بىر ئەركەكتەك ياشىغان بولسام.

ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى : 308381500
ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرمەي تارقىتىڭ
     





258 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-13 11:21:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-15 0:26:19 زۇلپىيە
بەك ياخشىكەن بەك ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن 🌹🌹🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ