كۆڭۈلگە خىتاپ

كۆڭۈلگە خىتاپ

 

 قادىر ئ‍ابلەت

 

 ئ‍ەي كۆڭۈل كۈتتۈڭ سەن كىملەردىن ۋاپا،

 چوڭ بىلىپ يۈرگەنلەر بولدى بىۋاپا.

 بۇ ئ‍الەم ئ‍ۆتنىدۇر بىلىپ قال كۆڭلۈم،

 ئ‍ۇپراتما ئ‍ۆزۈڭنى،بولمىغىن خاپا.

 

 قەدرىڭنى بىلمەيدۇ بەلكىم بەزىلەر،

 يۈرىدۇ ئ‍ۆزىنى جاھاندا بىر دەپ.

 قاراپ تۇر، شۇلارمۇھامان بىر كۈنى،

پۇشايمان ئ‍ىلكىدە قالىدۇ ئ‍ەسلەپ.

 

 ئ‍ۇپراتما ئ‍ۆزۈڭنى بولدى قىل كۆڭلۈم،

 ئ‍ەرزىمەس ئ‍ىشلارغا تۆكمىگىن كۆز ياش.

 قەدرىڭنى بىلمىسە بولما ئ‍اۋارە،

 ئ‍ەۋزەلدۇر ھەممىدىن شات-خۇرام ياشاش.

 

2016-1-8 خوتەن





162 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئ‍ابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 0:27:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ