ئانا ۋە قۇياش
(ئۇچقۇن )
كەچلىرى كۆرگەن تاتلىق ئۇيقۇمدىن پەقەتلا ئويغانغىم يوق .لىكىن بىراۋلار مەڭزىللىرىمنى بوش بوش چىمدىپ قوياتتى ،نازۇك بارماقلىرىدىن كەلگەن ھارارەت يۈزلىرىمنى چىمىلدىتىپ تۇراتتى . بۇ ئانامنىڭ بارماقلىرى ،ياق ،مەن ئانامنىڭ پىشانىللىرىمنى ،مەڭزىللىرىمنى سىيلاشلىرىنى تۇيىۋالىمەن . ئانام سۈبھى قىزى چۈمپەردىسىنى قايرىماستا، تاڭ لىباسىنىڭ چاڭ توزانلىرىنى سۈپۈرگىللىرىدە تازىلاپ پاكىزلايدۇ ،لېكىن ئۆزىگە قوندىرىۋالىدۇ .
شارىلداپ ئېقىپ تۇرغان ئېرىق سۇلىرىدا چېلەكلىرىنى لىقلاپ ، ھويلىلارنىڭ چاڭقىقىنى سۇغىرىدۇ ،لېكىن ئۆزى پەقەتلا ھاردىم ،ئۇسسىدىم دىمەيدۇ. روجەكلىرىمنى قايرىپ ،قاراڭغۇنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ ..ھە مانا مېھرىبان ئانام . بۇ سىيلاشلارمۇ يەنە بىر مېھرىبانلىق ئىگىسىدىن كېلىۋاتقان ئىدى . ئىللىق قۇياش نۇرلىرى، تۈنۈگۈننىڭ خاتېمە تامغىسىنى مانا ئۇردى ،بۈگۈننىڭ سەھىپىسىنى ئاچتى ،بۈگۈنگە- ئىش ھەركەتلىرىمىز ياكى ئوي پىكىر ،ئارزۇلىرىمىز قەلەم تەۋرىتىدۇ .ئۆز ئەسلىمىللىرىمىزنى يازىمىز. مەيلى كۈلەيلى مەيلى قاخشايلى ،بۈگۈنمۇ ئەتىسى تۈنۈگۈنگە ئايلىنىدۇ . بۇ بۈگۈن ئەتىلەر ئاي ۋە قۇياش ئوتتۇرلىقىدا يېتىلىشىپ ئايلارنى بېزەيدۇ ،يىللارغا بوي ئاتا قىلىدۇ . ئەمدى تېمىغا كېلەي، زىرىكمىسەڭلار ئاڭلاڭلار ،سۆزلەپ بېرەي :
- بۇ گۈزەل بوستانغا قاراڭلار ، بۇ ساناقسىز خۇش پۇراقلىق گۈللەر كۆڭلۈڭلارنى خۇش ئېتەلەمدۇ ؟ - ئەلۋەتتە شۇنداق . چۈنكى ئۇ ساختىلىقتىن خالى ،چىنلىق ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن . ئۇنىڭدىن زەيپان كۆڭۈللەر، تىنىقلىرىمىز ھىدلىغان خۇش پۇراقتىن ،روھلىنىدۇ ،شادلىنىدۇ . - ئۇنداقتا ،ئۇلارنى ئوراپ تۇرغان ئاۋۇ يانتاق تىكەنلەرچۇ ؟ ئۇلارنى ياقتۇرامسىلەر ؟ ئۇلار بۇ سوئالىمدىن نارازى بولۇشقاندەك : - بۇلار داشقاللاردۇر . رەزىللىكنىڭ ،زەھەرخەندىلىكنىڭ سىموۋلى . ئۇلارنى يۇلىۋېتەيلىمۇ ؟
-ياق . قاراڭلار ،گۈللەر پۇراۋاتقان ھاۋانى ئۇلارمۇ پۇراۋاتىدۇ ،ئىچكەن زۇمرەت سۇنىمۇ ئوخشاش ئىچىشىۋاتىدۇ . ئەقەللىيسى ، ئۇلارغا ھايات نۇرلىرى بەخىش ئەتكەن قۇياش ،بىرىنى ئايرىپ قويماپتىغۇ ؟! بەلكىم بۇ تىكەنلەر بولمىسا ،بۇ گۈللەرنى باشقىلار ئۈزۈپ خاراپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى .شەخسىيەتچى كىشىلەرنىڭ قوللىرىغا سانجىلغاندا ئاندىن پەيلىدىن يېنىشىدۇ ئەمەسمۇ .
مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى. قۇياش دالىلارنى ئىللىتىدۇ ،قۇشلارنىڭ قاناتلىرىدىكى يامغۇر سۇلىرىنى قۇرىتىدۇ ،ئۇلار شوخلۇق بىلەن دەل دەرەخلەر ئارا ئۇچۇشۇپ ئوينايدۇ ،ۋىلىقلاپ سايرىشىدۇ . ئوخشاشلا ئۇ ئۆز نۇرلىرى بىلەن يانتاق تىكەنلەر ۋە جىغانلارغىمۇ ئىللىق نۇرلىرىنى ئاتا قىلىپ ئۇلارنى پەپىلەپ ئۆستىرىدۇ . ئانىنىڭ مېھرى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى يامان قىلىقلىرىغا قارىتا ئىللىق ياكى گۇڭگا بولمىغىنىدەك ، قۇياشمۇ تەبىئەتكە تاتلىق تەبەسسۇمى بىلەن كۈلۈپ باقىدۇ . ئۇنىڭسىز نە ھايات داۋامى نە ئارزۇ ئىستەك نىشانى بولسۇن !
| 257 قېتىم كۆرۈلدى | ئويغان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-12-14 1:24:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|