يار (شېئىر) - نۇرئەلى مۇقىمي

 يار
 نۇرئەلى مۇقمىي

ئەزدى باغرىمنى پىراقىڭ ئ‍ىشقى ئ‍وتۇڭ كۆيدۈردى يار،
كۈللى ھۆرلەر ئ‍ىچىدىن بالدەك لېۋىڭ سۆيدۈردى يار .

سېغىنىش  تىلدى يۈرەكنى كويۇڭدا كور دىۋانىمەن ،
ھەر نەپەس بىر سەن ئۈچۈندۇر زۇلفۇڭ بىلەن باغلا دار .

ھىجرانغا لىق تولدى يۈرەك ،بېشىمدا تۈمەن قايغۇ دەرت ،
چۈشسە گەر تاغلار غۇلاپ ، ئ‍ەيلەر مېنى پارا -پار .

ئ‍ۆكۈنمەيمەن ،زارلىمايمەن مەيلى ئ‍ۆلتۈرسەڭ مېنى ،
تا ئ‍ەبەدكە ئەقىدەم يار سۇندۇرالماس خارۇ-زار .

بۇ ئ‍وتتا كۆيدى  نەۋائىي ، پەرھادۇ مەجنۇن ،غېرىب ،
مۇقمىي پەرۋانىمەن،  كۆيسەم قالماس ئ‍ارۇ -ئ‍ار .
       
 2015-يىلى 18-نويابىر





285 قېتىم كۆرۈلدى نۇرئەلى مۇقىمي ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 1:40:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-21 5:17:29 توغراق
ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ