ئۆرۈدۈم يېڭى بىر ئۆمۈر ۋارىقىنى (شېئىر) - ئەكبەرجان

 ئۆرۈدۈم يېڭى بىر ئۆمۈر ۋارىقىنى

 (شېئىر)

 ئەكبەرجان

       
 ئۆتمەكتە ھاياتىم سۇدەك مەنىسىز،
 ئۆرتەنسە يۈرەكمۇ چۆللەردە سەنسىز.
 ئىزگۈ خىياللار ئىچىرە بىر  گۈل،
 ئېچىلار يۈرەكتە ھېچ بىر مەنىىسىز·

  رەزىللەر كۆرۈندى كۆزۈمگە ئوت بوپ،
  ھەتتاكى بولىدۇ بەزىدە بىر توپ.
  شۇڭلاشقا چىقالماي زۇلمەت ئىچىدىن،
  خىتابىم ئۆزۈمگە تېز ئورنۇڭدىن قوپ.

 ئۆرۈشكە مەجبۇر مەن يېڭى بىر  ۋاراق،
 ئۆمۈر يولۇم بولغاچقا بىر  ئاز تاراق·
 ئۇچۇرىۋەتتىم خانىمدىن ھېلىقى بىر  قۇشنى،
 داغدام يولدا قويۇلسۇن ناخشىلار ياڭراق·

 توساتتىن يۈرەكتىن كەلدى بىر سادا،
 نە ھاجەت ئۆكىنىش قىلمىغىن نىدا.
 ۋۇجۇدۇم شۇ دەمدە كەلدى لەرزىگە،
 قەلىپ خانەم راسلىدى ماڭا بىر خادا·

 يۈركۈم تۇنجۇقۇپ ھالسىز تىپىرلار،
 تىقىلغان ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئارمانلار·
 مەنزىللەر نېمانچە بىر بىردىن يىراق؟
 سىڭدۈرەي توختىماي جىقلاپ دەرمانلار·

 ئېيتتىم ئۆزۈمگە قالما پىراقتا ،
 يوقالسۇن چۈشكۈنلۈك يىراق-يىراقتا·
 ئاغرىنش شەيتاننىڭ سەيناسى ئەسلى،
 ئوخشىما ئۆلگەن تەن،ئۆچكەن چىراغقا·
   
   2016-يىل 19-دىكابىر    خوتەن
ئاپتورى:خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى  تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2016-يىللىق2-سىنىپتا
 





66 قېتىم كۆرۈلدى akbarjan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-22 12:56:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ