كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ
مېھىرنىسا قۇربان
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
يۈرەك باغرىڭ دەرتكە تولسىمۇ.
بالدۇر كىلىپ كەچكۈز زىمىستان،
بېغىڭدىكى گۈللەر سۇلسىمۇ.
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
دۇشمەنلىرىڭ يۈرەك تىلسىمۇ.
پاك ئەقىدە ھالال تەرىڭگە،
كۆيگەنلىرىڭ جاپا قىلسىمۇ.
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
بىراۋ سېنى رەقىب كۆرسىمۇ.
توزاق قۇرۇپ بەزىدە ساڭا،
خوشال بولۇپ پەيزى سۈرسىمۇ.
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
يۈرەك كۈلمەي كۆزۈڭ كۈلسىمۇ.
ياكى ياققان ئوتلىرىڭ كۆيمەي،
ئىسى چىقىپ كۈلى كۆچسىمۇ.
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
كۆككە قارا يېشىڭ ئاقسىمۇ.
كۈتكەنلىرىڭ كەلمەي بەزىدە،
يولغا قاراپ كۆزۈڭ تالسىمۇ.
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
چاچلىرىڭغا قىراۋ قونسىمۇ.
ئۈمىدىڭنى ئۈزۈپ گاھىدا،
تەقدىر ساڭا چاقچاق قىلسىمۇ.
كۈلۈپ ياشا بىر كۈن بولسىمۇ،
باشلىرىڭدا ئەجەل يۈرسىمۇ.
تولسۇن ھەر كۈن گۈزەل مەناغا،
گەر بۇ ھايات قىسقا بولسىمۇ،
2016-11-12 غۇلجا شەھىرى
86 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-12 13:22:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|