ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى (شېئىر) - ​گۈلى نىياز

ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى
گۈلى نىياز

"بۇزۇق قېرىسا بۈۋىم بولدى دەپ"
كۆرۈپ قالساڭ ياغلىق ئارتقاننى ،
بىر كۈندىلا "ئادەم " بوپتۇ دەپ،
ئ‍ۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى .

ئ‍اتا-ئانىسىنىڭ كۆزىنى بوياپ ،
كەزگىلى ماڭدى رىستۇرانلارنى؛
ئ‍ۆتىۋالغىچە "كۆۋرىكىدىن" دەپ،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى .

ھىلى كۆرسەڭ تونىمايسەن دەپ،
سۆزلىمىگىن ئ‍ىغىزغا كەلگەننى،
قاۋاقلاردا ئ‍ۇنىڭ ئ‍ىزى دەپ،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

كۆپ كۆرگەنمەن بۇنداقلارنى دەپ،
پۇل بەرسەڭلا جانان سېنىڭ دەپ،
پاكىز ئەمەس بۇنىڭ تېنى دەپ،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

كۆرگەنسەن بەلكىم سەبى چېغىدا،
كەزگەن بولغىيتى ئ‍اشۇ باغلارنى،
ئازمايدىغان ئىنسان يوق بىلسەڭ،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

قىزلار تولا جاھان دىگەندە،
ئ‍وخشاتمىغىن خەققە ئ‍ۇلارنى،
ئ‍وخشىمايدۇ بەش بارمىقىڭ ھەم،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

گىرىم قىلىپ چىقسا يارنى دەپ،
دەيسەن تېخى مايمۇن كەبى دەپ،
گىرىم قىلمىسا مەتۇ چىراي دەپ،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

راس كۆپەيدى جاھاندا شۇنداق،
ھايا قايرىپ ئىپپەت ساتقىنى،
سەۋەپسىز بولماس ھەرقانداق بىر ئ‍ىش،
ئۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

تاش ئ‍ەمەس ھەم ئ‍ۇنىڭ يۈرىكى،
بىلۇر بىر كۈن خاتا قىلغاننى ،
چەتكە قاقما كۆرسەت توغرىنى،
ئ‍ۇۋال قىلما سۆكمە قىزلارنى.

2017.1.5

ئ‍ەسىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز تارقاتماڭ
1016426177





196 قېتىم كۆرۈلدى 1016426177 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-9 20:09:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ