مەن ئىزلىگەن جاناندۇرسەن
سەيپىدىن ئامۇت
گۈل جانان بىل كۆكسۈمدىكى زىلالدۇرسەن،
بىل سۆيگۈ ئاسمانىمدىكى ھىلالدۇرسەن.
شەيدامەن ئەسلىڭگە لەكمىڭ جانان سەرۋى،
ۋەسلىڭگە ئىنتىزارىم ئۇز جامالدۇرسەن.
قىينىلىپ ئىچىمدە زەئىپ سەنسزلىكىم،
كەل نازلەگىن بارىمغا ئېھ!جۇلادۇرسەن.
ئىشقىڭدىمەن دەرقەمدەبول سىرت قاراڭغۇ،
ئۆچمەگىن ھېچ كېچەمدىكى شامىمدۇرسەن.
بىئارام دەشىتىدە قالدىم قاخشاللىشىپ،
زەمزەم يۇتۇم سەندە ياتۇر داۋادۇرسەن.
ئۇشبۇ كۈن-تۈنلەرىم خاراپ دىدارسىراپ،
قايدىن كېلىپ قايسى چاغ قاندۇرادۇرسەن.
مۇشاققەتنىڭ كۇلاسى يالتىرار تەندە،
مۇھەببەت غەۋغاسى تاشتى ئاقىلدۇرسەن.
پۇرقەتتەغال-غال بىتاپلاندىم ھىجرىڭنى يەپ،
ھەسسىلەپ ئىنئام ئەيلىگەن زەماندۇرسەن.
ئاسمان ئېگىز يەرمۇ قاتتىق نىتەي ئەمدى،
سۆيگۈمگەباپ سۆيگۈڭنى بەر ماكاندۇرسەن.
ئاچچىق سۈرەنلەردە قالدىم يار بولدى بەس،
سۆيگۈڭگە نائىل ئەيلەگىن تامامدۇرسەن.
ئىر ئىرلاپ دىلىمدا ياڭرا ياڭراق بولۇپ،
ئون ئىككى نەغمە شاھى مۇقامدۇرسەن.
سەن بەختىمدە بىر كەم جانان، مەگەركەندە،
زارىقىش تۈگەر كەلسەڭ كۈتكەنىمدۇرسەن.
ۋىسالىڭگە يەتمەك ئۆزى ئارمان ئىشى،
پىدا ئەيلە ئەرلىكىمدە كەمالدۇرسەن.
كۆرمەدىڭ پىنھان چېكەرمەن چەرخىڭ يامان،
ئېيتقىنە يار جانىمنى يا ئالامدۇرسەن؟
ئىستەر سېنى ۋۇجۇد قاينام سەن نەدىدۇر؟
بىلمەگىڭ بار مەن ئىزلىگەن جاناندۇرسەن.
2016.17 فېۋرال
95 قېتىم كۆرۈلدى | سەيپىدىن ئامۇت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-27 22:57:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|