بالىلىققا قايتقۇم بار

بالىلىققا قايتقۇم بار

 

بالىلىققا قايتقۇم بار،

 لايغا پېتىپ ياتقۇم بار.

 ياسېۋېلىپ رەگەتكە،

 قۇچقاچلارنى ئاتقۇم بار.

 

 تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ،

 يالاڭ ئاياغ چاپقۇم بار.

 دادام بىلەن تۈگمەندە،

 بىللە بۇغداي تاتقۇم بار.

 

 غەمسىز ئىدىم ھارمايتتىم،

 ئويناپ ھىچبىر قانمايتتىم.

 ئەنسىرىتىپ ئانامنى،

 ئۆيگە بالدۇر يانمايتتىم.

 

 سومكا ئېسىپ مەكتەپكە،

 ماڭغانلىرىم يادىمدا.

 سول قولومدا يازغان خەت،

 ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.

 

 مانا ھەش پەش دىگۈچە،

 بالىلىغىم كېتىپتۇ.

 بىزنى گويا چالمىدەك ،

تۇرمۇش ھەريان ئېتىپتۇ .

 

كىچىك چاغدا خۇش پېئىل،

 ئاشۇ دوستلا نەدىكىن.

 ئۆزگىرىپتۇ پەيلىمۇ ،

خۇينى كىملە بەدىكىن.

 

 ئالىمجان





247 قېتىم كۆرۈلدى jallat ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-10 16:58:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-12 13:48:30 مەمەتجان
سىغىنغۇچىلىكى باردە بالىلىقنىڭ…… بىراق قايتىپ كەلمەيدۇدە……
2015-8-12 13:48:20 مەمەتجان
سىغىنغۇچىلىكى باردە بالىلىقنىڭ…… بىراق قايتىپ كەلمەيدۇدە……
2015-8-12 13:48:20 مەمەتجان
سىغىنغۇچىلىكى باردە بالىلىقنىڭ…… بىراق قايتىپ كەلمەيدۇدە……
2015-8-11 23:59:01 مىسكىن ئ‍اي
بەكلا ياخشى يېزىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ