قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان
سەن ئىدىڭ يۇلتۇزۇم چاقنايدىغان ،
سەن ئىدىڭ ياشلىقىم ياشنايدىغان ،
سەن ئىدىڭ ئىشەنچىم ئاسرايدىغان ،
سەن ئىدىڭ ھەمرايىم ساقلايدىغان ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
جېنىمدىن ئەزىز كۆرەتتىم سېنى ،
بەر دېسەڭ بېرەلەيتتىم جېنىمنى ،
سەن ئۈچۈن تۆكەلەيتتىم قېنىمنى ،
ساڭىلا پەقەت دېيەلەيتتىم سىرىمنى ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
سەن كەتتىڭ كۆڭلۈم بەكلا پەرىشان ،
قىلغانلىرىم ئۈچۈن قىلدىم پۇشايمان ،
چەكتىم ئازاپ بولالمىدىم شادىمان،
ھېس قىلدىم ئۆزۈم ھەقىقىي نادان ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
مەن بار ساڭا چارچىغاندا يۆلەنسەڭ ،
بولمايدۇ بۇنداق تۇيۇقسىزلا ئۆزگەرسەڭ ،
تاشلىما مېنى تاشلىما بولمايدۇ كەتسەڭ ،
سەنسىز ياشاش ھارام ماڭا چۈشەنسەڭ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
قانداق قىلاي سەن يوق مەن ئەمدى ،
دەردىمگە ئىزدەپ داۋا بولاي دىۋانى ،
سۆيەي كىمنى سىلاي كىمنىڭ چېچىنى ،
چەكسىز ئازاپ چىرمىدى زەئىپ قەلبنى ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
بېرىشكەن ئىدۇق قەسەم ھەم ۋەدە ،
سەندىن ئارتۇق خۇشاللىق نەدە ،
ئىشەنگىن بۈگۈندىن گۈزەلدۇر ئەتە ،
بىزدەك بىر جۈپ يوقتۇر ھىچ يەردە ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
سۆيىمەن سېنى كەتمىگىن يىراق ،
قەدىرلەي سېنى بولاي دىل چىراق ،
پۇرسەت بەر ماڭا يارىشىپ تېزراق ،
بېرەي مۇھەببەت سۆيگۈدىن بۇلاق ،
قايتىپ كەل بولايلى ئايرىلمايدىغان .
2016-يىل ، 19-ئىيۇل .
— ئىلتەرىش .
| 27 قېتىم كۆرۈلدى | ئىلتەرىش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-7-19 3:31:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|