مېنى سىنىما، ئۆتەلمەي قالسام سۇئالنى قىيىن چىقىرىپ قويغۇنىڭغا پۇشايمان قىلىپ قالىسەن!
سىنىما
ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى
دىلبىرىم سەن مىنى سىنىما،
سۆيگۈمنى گۇماندا تەزدۈرۇپ.
نىشانغا يىتىمەن سەن ئۈچۈن ،
قويساڭمۇ چۆللەرنى كەزدۈرۈپ.
دىلبىرىم سەن مىنى سىنىما،
ئەقىدەم سەن تامان چاپىدۇ.
ۋەسلىڭگە يىتىشتۇر -تىلىكىم ،
ئىجادتىن گۈھەر -دۇر قازىدۇ.
دىلبىرىم سەن مىنى سىنىما،
بولمىغىن سۆيگۈمنىڭ قاتىلى.
مۇھەببەت بولمىسۇن يالىڭاچ،
ئاتالما ئىشىقنىڭ غاپىلى.
دىلبىرىم سەن مىنى سىنىما،
ئىنتىلىپ تۇرىمەن جاۋاپقا.
چىقارما سۇئالنى بەك قىيىن ،
قالمىغىن ئاھ ئۇرۇپ ئازاپقا.
دىلبىرىم سەن مىنى سىنىما،
سۇئالنى ئاشۇرۇپ چېكىدىن.
گۈلبەڭگە يۇرۇقلۇق چىقارماس،
ئايرىلسا پىلىكمۇ يېغىدىن.
2017.3.31جۈمە خوتەن
| 42 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-1 0:28:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|