ئانامنى ئەسلەپ - گۈلجامال يولۋاس

ئانامنى ئەسلەپ

 

 ئ‍ازاپلىقكەن ئايرىلىش دىگەن ،

 بىر يىل بوپتۇ بىردەمدە مانا.

گەر سۈرتىڭنى كۆرۈپ تۇرساممۇ،

 ئۆزۈڭ كۆرگەنگە يەتمەسكەن ئ‍انا.

 

مىھرىڭ بىلەن پەپىلەشلىرىڭ،

 يۈزۈم سىلاپ ئ‍ەركىلتىشلىرىڭ.

 خىيالىمدىن كەچتى قايتا رەت ،

 پىشانەمگە شوخ سۆيۈشلىرىڭ.

 

بار چىغىڭدا قەدرىڭنى بىلمەي ،

 خىزمىتىڭنى قىلمىغان ئ‍ىدىم.

 ھە دىسلا خىزمەت خىزمەت دەپ ،

 ئ‍ىش ئ‍ورنۇمغا چىپىپ يۈرگەنتىم .

 

مانا بۈگۈن كۈتەي دىسەممۇ،

ئ‍انا سىنى كۆرەلمەي كەتتىم.

 جىنىم ئ‍انا سىنىڭ قەدرىڭنى ،

 بەكمۇ كىچىكىپ بىلىپلا يەتتىم.

 

 كەچۈر ئ‍انا كەچۈرگىن جانىم ،

 سەن پاسىبان مىنىڭ مادارىم.

 پەقەت ئ‍ەسلەش كىلەر كۆڭلۈمدىن ،

ئ‍ۇندىن باشقا يەتمەس مادارىم.

 

(گۈلجامال يولۋاس)

قەشقەر نەزەرباغ بازىرىدىن 2015.9.18





376 قېتىم كۆرۈلدى guljamal198 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-19 0:13:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-19 17:12:17 111
111
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ