ئەگەرئانام ياقمىغان بولسا

ئەگەرئانام ياقمىغان بولسا

 

ئابدۇمىجىت ئېمام غۇلجام

 

كېتىۋەرگىن كېتىۋەر يارىم،

ئەگەرئانام ياقمىغان بولسا .

تەڭقىسلىقتا مېنىڭ بۇھالىم،

بەزلەشلىرىم ئاقمىغان بولسا.

 

قېيدىساڭلا ئانىڭىزدەيسەن،

ئىشلىرىمغائارلاشتى دەيسەن.

زادى مېنى نىمە قىل دەيسەن،

مېنىڭ ئانام قېيىنئاناڭ تۇرسا.

 

ئانامدىمۇ باردۇ سەۋەنلىك ،

كۆز يۇممايمە ساڭا قىلچىلىك.

ئېيتقىن ماڭا ئامال قانچىلىك ،

خەيىردەيمەن راس كەتكىڭ بولسا.

 

2015*8*19





259 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇمىجىت ئېمام غۇلجام ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-19 21:38:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-20 13:50:21 ektiyar
hakikatan yahxi yiziliptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ