پۇشايمان
(ئابابەكرى ئىزگۈ)
ئۆتمۈش ئۆتتى قايتىپ بولماس كەينىگە ،
ئۆمۈر ئۆتتى ، ھۇدۇقۇشتا گاڭگىراپ .
ھەم ئۆتكەنتى ھەربىر كۈنۈم مۇڭسىراپ ،
ھەتتا كەتتى ، روھىيتىم قاغجىراپ .
مىنى شۇتاپ بىر پۇشايمان قىينايدۇ ،
خاتا باسقان ھەر قەدىمىم قارغايدۇ .
مەھكۈم بولدى ۋىجدان غۇرۇر سۇراققا ،
شەيتان كۆڭلۈم مىنى بەزلەپ ئالدايدۇ .
ئۆتمۈشۈمدە غەمسىز خۇشال يۈرۈپمەن ،
ئازار بەردىم چاقچاق قىلدىم ساڭا دەپ .
پەرۋا قىلماي ئۆزگىلەرنىڭ كۆڭلىگە ،
خاپا بولماس خۇشال يۈرەر كۆڭلى دەپ .
قىلمايمەن پۇشايمەن دەيدىغان كىم بار ؟
ھاياتتا ھەم دۇرۇس ئۆتسىمۇ گەرچە .
ئىنساننىڭ نەپسىگە شەيتان شىرىكتۇر .
ئەقىللىق دانىشمەن بولسىمۇ گەرچە .
پۇشايمان قىلسىمۇ كەلمەيدۇ بىراق ،
داۋاسى بولمىغاچ ئۇنىڭ جاھاندا .
تەۋسىيەم ئويلىشىپ چىقار قارارنى ،
تاللىشىڭ ئارزۇيۇڭ بۇلۇپ قالغاندا .
2016 - يىلى كورلا
| 132 قېتىم كۆرۈلدى | ababakiri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-7 21:16:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|