مەرىپەت ئوغلى : چۈشۈنۈپ قالارسەن جېنىم

چۈشۈنۈپ قالارسەن جېنىم

 

(بىر قىز خاتىرىسىگە)

ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)


 

    سىنى شۈنچىلىك سۈيەتتىم . ئەمما كۈيۈنۈشلىرىڭگە مۇھتاج بولغاندا يالغۇز قويدۇڭ.

     سىنى شۇنچىلىك سۈيەتتىم . چۈشۈنىشلىرىڭگە مۇھتاج بولغاندا يالغۇز قويدۇڭ.

 ئىللىق مىھرىڭگە ، كۈلۈمسىرىشىڭگە مۇھتاج بولغاندا يەنىلا يالغۇز قويدۇڭ .

     سىنى بارلىقىم . ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم ، ئىككى دۇنيالىق سۆيگۈنۈم . ھاياتىمدا ئاللاھ ماڭا نىسىپ قىلغان بەختىم دەپ بىلەتتىم . بۇ خىيالىمنىڭ ، بۇ ئارمانىمنىڭ چۈش بولۇپ قالماسلىقىنى تىلەيىتتىم . سىنى ھاياتىمدا يوقۇتۇپ قويۇشتىن بەكلا ، بەكلا ئەنسىرەيىتتىم . مەن خۇددى سەن ئۈچۈنلا ياشاۋاتقاندەك .......

   ئالدىمغا تاماق كەلسە سىنى تاماق يىگەنمىدۇ دەيمەن . ھاۋا سۇغۇق كۈنلىرى سىنى توڭلاپ قالغانمىدۇ ،ئاغرىپ قالغانمىدۇ دەيمەن . بىللە كوچا ئايلىنىۋاتقان ، قىزغىن مۇڭدىشىۋاتقان بىر جۈپلەرنى كۆرسەم سىنى نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ دەيمەن ......

    ساڭا زارىقىپ تەلمۈرۈپ ۋىسالىڭغا يىتەلمىگەن كۆزلۈرۈمنى غەمكىنلىك باستى . چىرايىمدىن خۇشاللىق كۈلكە ئۆچتى . كېچىلەرى سەن شىرىن چۈش كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقاندىمۇ سىنىڭ ئىشقى پىراقىڭدا كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار . ئولتۇرسام قوپسام سەنلا خىيالىمدا ......

     بىللە يۈرگەن كوچىلاردىن ئىزىڭنى ئىزدەيمەن . بىللە ئولتۇرغان ئورۇندىن ھېدىڭنى ئىزدەيمەن. قايان باراي ، نەگە قاراي ، كۆز ئالدىمدا سەن زاھىر بولىسەن جېنىم . كۆزلىرىم ھەر تەرەپتىن سىنى ئىزدەيدۇ ، ئەمما ساڭا ئاشىق يۈرۈكۈم ۋىسالىغا يىتەلمەيدۇ . ئەس خىيالىمنى ، ئەقلى ھۇشۇمنى ئالدىڭ . جېنىممۇ سەن ئۈچۈن تەسەددۇق بولسۇن.......

 

     بىلسەڭ ئىدى . مەن بارلىقىم ، ھاياتىم دەپ بىلىپ سىنى تاللىغان ، قەلبىمگە ئىسمىڭنى مۆھۈر قىلىپ باسقان ئىدىم . لىكىن سەن مىنى جۇدالىققا ، ئىشقى پىراق ئازابىغا تاشلاپ يالغۇز قويدۇڭ . ئىچى تارلىق قىلغانلىقىمدىن ئەمەس يۈرۈكۈمدىن سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن سېنى پۈتۈن دۇنيادىن قىزغىناتتىم . لىكىن بارلىق ئ‍ۈمىدلىرىمنى بىراقلا يوققا چىقاردىڭ ........

       قىنى سەنمۇ بىرسىنى يۈرەكىڭدىن سۈيۈپ باق . ئۇمۇ سىنى يالغۇز قويۇپ باقسۇن . ئازاپتا قويۇپ باقسۇن . شۇ چاغلاردا مۇھاببەتنىڭ نە قەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ، مۇھاببەتنىڭ كۈچىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلەرسەن . ئۇنىڭ ئازابىنىڭ ئالدىدا دېڭىز دولقۇنلىرى ئاجىز ، تاغۇ تاشلار كۇكۇم تالقان بولىدىغانلىقىنى بىلەرسەن . يۈرۈكىڭنىڭ ئىچ-ئىچىڭدىن تىپىۋاتقان بىر ئاتەش ئوتنىڭ تەسىرىدە قىل كەبى تولغۇنۇپ كۈيۈپ كۈل بولىۋاتقانلىقىنى بىلەرسەن . ئەنە شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى تولۇق چۈشىنىسەن جېنىم . شۇ ۋاقىتتا ھەقىقى بىلىپ يىتىسەن . ياخشى كۆرگەن ئادىمى يالغۇز تاشلاپ كەتسە قانداق بولىدىكەن؟ مۇھاببەتنىڭ ئازابى قانداق بولىدىكەن ؟ ئۇنۇتماق ئاسانمىكەن ؟! .....


سېغىنىشىم يەتتى پەلەككە ,

دەريا بولدى كۆز ياشلىرىم ھەم .

تاپالمىدىم ئىزلىرىڭنى يار ,

ئىچ باغرىمدا تاشار دەرت-ئەلەم .





406 قېتىم كۆرۈلدى maripatoghl ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-26 22:43:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-9 19:41:53 ئىزگۈ قەلىب
راسلا ياخشى بوپتۇ ،بەلكىم سىغىنىش ئازابىدا قىلىپ باقمىغانلارنىڭ ،بۇ خىل تۇيغۇنى چۈشىنىشى ناتايىن ،تىخىمۇ تىرشىڭ ،گەرچە تونۇشمىساقمۇ...
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ