سۈكۈت
ئەمەرجان ماخسۇت شاھتۈرك
چۆكىسەن سۈكۈتنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا،
ئەقىدەڭ ھاياتقا بولغاندا پايخان.
ئازابىڭ ئەپ كەلسە چۈشكە خۇشاللىق،
سۆيگۈنىڭ قەسىمى يالغان ئۇ يالغان.
ھاياتنىڭ كەچمىشى مېسالى كارۋان،
ئۇ شۇنداق يولۇچى سەن ئۇندا ئۆتەڭ.
كۈنۈشنىڭ ئالدىدا كۆيۈش ھېچنىمە،
سۆيۈلۈش سۆيۈشكە بولالمايدۇ تەڭ.
پۈكۈلۈپ بارىسەن كىرىچكە ئوخشاش،
ئوق بولۇپ سانچىلا قەلبىڭگە ھېجران.
ۋىسالنىڭ قەدىمى يەتمەيدۇ ساڭا،
بەخىتنىڭ بىكىتى يوقالغان تامام.
ياشايسەن ئەڭ قېيىن مېنۇتلار ئارا،
كۈلكەڭمۇ يىغىدەك ئاڭلىنار مۇڭلۇق.
ئارمانلار ئىچىدە ياشايسەن شۇنداق،
ھەسرەتنىڭ چۈلىدە ئېچىلار چوغلۇق.
2016.12.27 كېچە يۇرتى قاراقاش
210 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk666 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-28 3:16:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-6 17:48:12 | تۇردىمۇھەممەت نىيازباقى ئاقىل |
شاھتۈرۈكنىڭ ئەسەرلىرى بارغانچە بەدئىيلىك ۋە ئىدىۋىيلىك جەھەتتىن يۈكسىلىشكە باشلاپتۇ ،شىئىردىكى پىكرى ئويناقلىق ،گۈزەل ھاياتلىقنىڭ يەنە بىرخىل ئىپادىلنىشى سۈكۈت جىمجىتلىق ؛تىمتاس كىچىلىەردە ئۈزىنى ئىزدەپ يۈرگەن شاھتۈرۈك ھەرۋاقىت قەلەمنى قۇلىغا ئالىدۇ ،داۋاملىق تىرىشىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇۋاتىمىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|