دوستۇم دەيمۇ، يەنە سېنى (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

دوستۇم دەيمۇ، يەنە سېنى
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

دوستۇم دەيمۇ، يەنە سېنى،
ئالدىساڭ،نۇمۇسنى سەزمەي،
قېينىدىڭغۇ ئەجەب مېنى،
كەچكۈزدە ئۈزۈڭنى بىلمەي.

دوستۇم دەيمۇ،يەنە سېنى،
ئازاپ سالدىڭ،ھەقنى بىلمەي،
چىگىش قىلساڭ يۈرەگىمنى،
ئويلىغانمۇ،شۇملۇق بىلمەي.

دوستۇم دەيمۇ،يەنە سېنى،
ئېچىندۇرساڭ،راستنى دىمەي،
بىلمىدىمغۇ زادى سېنى،
ۋىجدان يوقمۇ،بولدى دىمەي.

دوستۇم دەيمۇ،يەنە سېنى،
پىچىرلىساڭ،زادى كۈلمەي،
ئۇنىتايمۇ ئەمدى غەمنى،
يوقال ئەمدى،دوستۇم دېمەي.
     





137 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 19:51:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ