ئ‍ۇيغۇرۇمنىڭ دوپپىسى

ئۇيغۇرۇمنىڭ دوپپىسى

 

 شئېر

 

 جەلىپ قىلار بارچىنى ئۇيغۇرۇمنىڭ دوپپىسى،

 چىمەن، گىلەم، بادامغا ئايرىلىدۇ نۇسخىسى.

 قەشقەر، قۇمۇل، يەكەننىڭ ئۆزگىچىدۇر ئۇسلۇبى،

 مىللىتىمنىڭ تاجىدۇر گويا ئالتۇن جۇلاسى.

 

دادام ئاپام بېشىدا ئەجدادلىرىم دوپپىسى،

 ئەمدىلىكتە بىز كىيدۇق چوڭلىرىمىز كيگەننى.

 بالىمىزمۇ ئۆگەنسۇن مىللىي دوپپا كىيىشنى،

 ئۇلۇغلانسۇن مەڭگۈگە ئۇيغۇرۇمنىڭ دوپپسى.

 

 ھەربىر دوپپا كەشتىسى بىر يۈرەكنىڭ ئارمىنى،

 سۇغۇرۇلغان مېھىردىن ھەربىر غۇنچە ياپرىقى.

 بىر-بىرىگە ئۇلايدۇ پۈتۈن قوۋىم رىشتىنى،

 بەلگىسدۇر ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇرۇمنىڭ دوپپسى.

 

 ئاپتورى:خ.چەشمە





173 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-3 7:27:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ