مەن تاپالمىدىم (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 مەن تاپالمىدىم
مەمەتجان سەمەت

دەرت ئېچىدە تولا يىغلاپ ئاقتى ياشلىرىم،
دەرتلىرىمگە ئىزدەپ داۋا مەن تاپالمىدىم.
قاياقلارغا  كەتتىڭ ئانا تاشلاپ سەن مېنى،
بۇ دۇنيادىن مېھرى ۋاپا مەن تاپالمىدىم.

كېتىپ قالغاچ جېنىم ئانا مېنىڭ يېنىمدىن،
ئەگىپ كەتمەس بولدى مانا كۈلپەت بېشىمدىن.
زورلىساممۇ ئۆتمەس ھەتتا تاماق گېلىمدىن،
سەن ئەتكەندەك ئاشنى ئانا مەن تاپالمىدىم،

يەتمىگەچكە ھېچ بىر كىشى كېلىپ ھالىمغا،
غېرىپ  بالا  بولۇپ  قالدىم  يېتىپ  تالادا.
غەمگە تولغان چىرايىمنى كۆرۈپ كەت ئانا،
باساي دەپ سېنى باغرىمغا مەن تاپالمىدىم؛

ئاپتورنىڭ ئۈندىدار : 308381500
ئاپتورنىڭ   ئىسمى   بىلەن   تارقىتىڭ
     





215 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-8 19:55:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ