باھار كەپتۇ نورۇزنى باشلاپ ( شېئىر) - ( شېئىر) ئابدۇراخمان ئىبراھىم

باھار كەلدى نورۇزنى باشلاپ

 ( شېئىر)

ئابدۇراخمان ئىبراھىم

كۆكلەر چىقىپ قارلىغاچ ئۇچۇپ،
باھار كەپتۇ نورۇزنى باشلاپ.
كەلمەكتىكەن خۇددى ياشلاردەك،
قىش بوۋاينى ئارقىغا تاشلاپ.

باھار يېشىل رەڭ بېرەر ئەمدى،
قىش ياراتقان رەڭسىز سىزمىغا.
ئىللىقلىقتىن جان كىرەر بەلكى ،
كائىناتنىڭ جانسىز جىسمىغا.

دېھقانلارنىڭ كەيپى بەك جۇشقۇن،
ئېتىزلاردا ئەمگەك ئاۋازى.
قىشلىق كىيىم ،سېلىپ تاشلانغان،
پەسەيگەچكە سوغۇق ئەلپازى.

تېرەكلەرمۇ پوتلا چىقىرىپ،
باھار ئۈچۈن ياساپتۇ بېزەك،
غاز-ئۆردەكنىڭ ياڭراق ساداسى،
ئاپتۇ كۆكنى ئاسمانۇ- پەلەك.

ئۆستەڭلەرگە كەپتۇ يىڭى سۇ،
ئېقىشلىرى دولقۇنلۇق ئويناق.
بىنەم يەرلەر ياشىرىپ كىتەر،
يېڭى ھايات باشلىنار قايناق.

ئاستا ئاستا جاھان كۆكىرىپ،
كاككۇكلارمۇ سايرايدۇ تېخى،
چېچەكلەيدۇ خۇددى گۈللەردەك،
كۆپۈشكەن بۇ دەرەخنىڭ بىخى.

ئازراق سەۋر قىلغىنىچۇ كۆڭلۈم،
نورۇزغىمۇ قاپتۇ نەچچە كۈن،
نورۇز ئوغلى باھار قىزىغا،
ئۆيلىنىدۇ ئەتە يا ئۆگۈن.

………………………
ئاپتور ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىڭ.نامسىز قالمىسۇن
ئۈندىدار:13899022303
     





414 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇراھمان ئىبىراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-16 20:07:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ