ھايات دېگەن مۇشۇدۇر
ھايات دېگەن مۇشۇدۇر

   بەلكىم ھايات دېگەن مۇشۇدۇر،تۇرمۇش مۇشۇدۇر.باشقىلاركۈلەلەيدۇ،باشقىلارئسىنالايدۇ،باشقىلارياخشى غىزالىنالايدۇ. سەن يىغلايسەن،يىغاڭنى سىرتىڭغا چىقارمىساڭمۇ،ئچىڭدە ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلايسەن.بەلكىم ھايات دېگەن ماناشۇبولسا كېرەك.
سەن ماڭىسەن،مۇھەببەتكە قەدەم ئالدىڭ،بىراق مۇھەببەت سېنى باغرىغا ئالمىدى.ساداقەتكە باقتىڭ،بىراق ساداقەت ساڭا قارىمىدى.بوپتۇ مەيلى ئۆزلۈك دۇنيارىڭدا ئۆزۈڭ بىلەن ياشىدىڭ،بىراق سەزدىڭكى ئۆزگىلەر ساڭا باقمىدى.سەن مانا شۇنداق ۋاقىتتا ئۆزۈڭنى تۆۋەن كۆرىسەن،ئۆزۈڭدىن نەپرەتلىنىسەن،ھەم يەنە ئۆزۈڭگە تەسەللى بېرىشنى ئويلايسەن،خالايسەن بىراق قىلالمايسەن...
   بىلىپ قال ھايات دېگەن بۇلا ئەمەس،تۇرمۇش دېگەن شۇلا ئەمەس.ئاچ كۆزۈڭنى،قولۇڭنى پۇتۇڭنى مىدىرلات،قەلبىڭ پۈتۈن جىسمىڭ،روھىڭ ھەرىكەتتىن توختىمىسۇن!ئۆزۈڭگە ئىشەن،كۆزۈڭگە ئەمەس قولۇڭغا ئىشەن،ھەم يەنەسۆزۈمگە ئىشەن!سەن ياشايسەن،سەن كۈلىسىن ،سەن چوقۇم غەلبە قىلىسەن. بىراق بۇنغىچە سەن سوغۇقنىڭ تەمىنى تېتىيسەن،جاپالارنى تارتىسەن،تومۇزدا تەرلىرىڭ سۇ بولۇپ ئاقىدۇ.ئشەنگىنكى سەن ھامان نەتىجە قازىنىسەن،ھامان كۈلىسەن! بەلكىم شۇچاغداسەن يەنە بىر قېتىم باشقا بىر ۋەزىندە<ھايات دېگەن مۇشۇدۇر>دەيسەن.توغرا،توغرا ،ھايات دېگەن مانا مۇشۇدۇر!!!




733 قېتىم كۆرۈلدى 1838207873 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 22:27:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ