شېئردىكى رەسىم
ئاچچىق -ئاچچىق خىياللىرىمنى،
سىزماقچىمەن رەڭسىز قىلپ .
ئاندىن ئۇنى بۇيايمەن ،
ھەسرەتنىڭ رەڭگىنى چېچىپ .
ئازابنىڭ رەڭگىنى ئىزدەپ يۈرمەيمەن ،
پۇشايمان دېڭىزدىن سوراپ ئالىمەن .
ھەسرەتنى - ئازابنى ،
قۇشۇپ ئۆتمۇشنى ،
خىيالمغا بەلگە سالىمەن ...
مەن رەسسام ئەمەس ،
ئەمما،
شېئىرمدا سىزمەن رەسىم ،
بىر قۇلۇمنى سۇزۇپ ئاسمانغا ،
ئەڭ يۇرۇق يۇلتۇزنى يۇلۋالمەن ،
ئۇنى ئېسۋىلىپ خاتىرەمگە،
ئۆزۈمچە رەسسام بۇلۋالىمەن ...
ھەسرەتلەرگە نۇر چېچىپ يۇلتۇز،
ئۈمىد ئېلىپ كەلمەكچى بۇلۇپ،
چىللاپ كېلەر سەبداشلىرېنى ،
مەن شۇئان ئېلىپ قەلەمنى ،
ئازابىمغا قۇشۇپ سىزمەن،
يۇلتۇزلارنىڭ ئازابلىرنى...
ئارتۇقچە سۆزلىمەيمەن ،
ئازاپلىق رەسىم ئۆزى سۆزلەيدۇ ،
رەسىم ئەمەس ئۇ ،
نېمە؟
ھېچكىم بىلمەيدۇ !
ئۆزى سۆزلەيدۇ ،
ئۇ بەلكى شېئىر...
-ئاپتورى شىنجاڭ سەنئەت ئېنستوتى ئۇقۇغۇچسى
ئۆمەر سەمەت
| 50 قېتىم كۆرۈلدى | akkum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-28 22:20:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|