بۇ كىچە (شېئىر) - ماھىرە ئەركىن ئەتىر

 بۇ كىچە

ماھىرە ئەركىن ئەتىر

كىچىنىڭ باغرىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا،
ئەسەبىي خىياللار ئەزمەكتە دىلنى.
كەچمىشلەر تولغۇنۇپ مەن بىلەن بىللە،
ۋاراقلاپ ئوقۇپ ئاھ سەرسانە يىلنى.

كۆكسۈمدە ئىڭرايدۇ زەئىپ بىر ئاۋاز،
قۇلاق سال پەقەتلا ياد ئىتەر سىنى.
بۇ كىچە ئۆزۈمگە قايتمىقىم مۇشكۈل،
سىنىڭسىز نەچچە رەت ئۆلدۈم ھەر تۈنى.

غېرىپلىق مارايدۇ روجەكلىرىمدىن.
ئايلىنىپ قالدىم نەق ھەسرەتنىڭ ئۆزى،
بىر تالاي ئازاپقا چىلاشقان ھايات،
كىچىدەك قاراڭغۇ سۆيگۈ ئاسمىنى.

مەن سىنى سۆيگەچكە ئۆزۈمدىن ئېشىپ،
ھەر نەرسە كۆرۈنەر سىنىڭ ئەڭلىڭدە.
قايتىپ كەل نىگارىم بوپ مەيىن شامال،
كىچىنى بىزەيلى گۈلنىڭ رەڭگىدە.

     





155 قېتىم كۆرۈلدى atir715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 15:21:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ