قېنى - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 قېنى

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن 


گۈزەللەرگە بەرگەنغۇ ئاناڭغا بەرمىگەن مېھىرنى،
بىرەر رەت كۆرمىگەن سىنچىلاپ ئاتاڭ چېھىرىنى.
كەچمەكمۇ بولغانغۇ قەۋىمدىن قىلماي قەدىرىنى،
شۇ گۈزەللەردىن ساڭا كەلگەن ۋاپاسى قېنى.

بالام دەپ يېمەيتى تاپسا ئەگەر ياخشىنى،
سىڭەتتى ئۇلارغا پەقەت سەندىن ئاشقىنى.
تىلەيتى ئاۋال بەختىڭنى قويۇپ باشقىنى،
شۇ جاپاكەش ئەزىزلەرگە جاۋابىڭ قېنى.

ئەجدادىڭ ياشىغان ئېغىرغا ئەگمەي بېشنى،
كەلسىمۇ دەرت-ھىجىران تۆكمەي يېشىنى.
تىك تۇرۇپ كۆتەرگەنغۇ تۇرمۇش تېشىنى،
سەندە ئۇلاردەك ئىگىلمەس شىجائەت قېنى.

دوستىڭمۇ كۆپ ئىدى ئوخشاش پىياز پوستىغا،
دوسلۇقۇڭ شاراپتەك قۇيۇلغان يېرىم رومكىغا.
ھالا بۈگۈن ئاسماندىن يىڭنە ياغسا بېشىڭغا،
دۇلاڭغا ئۇرغان سورۇنداش دوسلۇرۇڭ قېنى.





41 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 2:47:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ