دادا سىزنى سىغىندىم (نەسىر) - گۈلنۇر

دادا سىزنى سىغىندىم (نەسىر) 

 گۈلنۇر


     دادا سىزنى سىغىندىم، سىزنىڭ ئ‍ەشۇ ئ‍ەتەش كەبى يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئ‍ىلىق باغرىڭىزنى، مىھرى ئ‍ىللىق خۇش تەبەسسۇم چىھرىڭىزنى، ئ‍ىگىلمەس -سۈنماس قەددىي قامىتىڭىزنى، پەرزەنت ئ‍ۈچۈن بارىنى تەقدىم قىلغان ئ‍ەشۇ روھىڭىزنى سىغىندىم.
يىراق يەرگە كەتكەنلەر ھامان بىركۈنى قايتىپ كىلىدىكەن ، سىىرتقا چىقىپ كەتكەنلەر پەرزەتىنىڭ ئ‍اۋزىنى ئ‍اڭلىغان ھامان ئ‍ۆيىگە قايتىدىكەن ئ‍ەمما مەن سىزنى شۇنچە كۈچۈمنىڭ بارىچە ۋارقىراپ چاقىرسامۇ سىز كەلمەيسىز يىراق شەھەرگە كەتكەن بولسىڭىزمۇ كىلىپ بولغان بولار ئ‍ىدىڭىز ئ‍ەپسۇس مىڭ ئ‍ەپسۇس سىز بىز بىلەن مەڭگۈلۇك خوشلىشىپ كەلمسكە كەتىڭىز مەن ھەر قانچە ۋارقىرسمۇ ئ‍ۈنىم يەتمەس ،يىغلىغانغا ،قاقشىغانغا ،ئ‍ازابلىنىپ،قىينالغانغانغا قايتىپ كىلىدىغان ئ‍ىش بولسا سىز قايتىپ كىلەر ئ‍ىدىڭىز تولمۇ ئ‍ەپسۇس بۇ تەقدىر قىسمەت سىزنى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئ‍ايرىدى .
مەن ئ‍ەزەلدىن دادام يوق دىگىم كەلمەيتى ، چۈنكى باشقىلارنىڭ مىنى يىتىم دىيىشىنى خالىمايتىم يەنە دادام يوق دەپ باشقىلارغا ئ‍ىيتمايتىم چۈنكى ھەر ۋاقىت ھەر زامان خۇددىي سىز ماڭا ھەمراھدەك يىنىمدا بادەك ھىس قىلاتىم ،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئ‍ۆز ئ‍ىغىزىم ئ‍ارقىلىق مىنىڭ دادام يوق دىگەن سۆزنى مىڭ بىر قىيىلىش ،يۈرەك تارىلىرىم ئ‍ۈزلۈپ كىتىدىغاندەك ،نەچچە تاغنى جاپپا مۇشەققەت بىلەن يۆتكىگەندەك قىينىلىش ئ‍ىچىدە رىئالىقا تەن بىرىپ مەن دادىسىز تۈرمۇش كەچۈرۋاتقان ئ‍اجىز بىر يىتىم قىز دەۋاتىمەن .دادىسىز تۈرمۇش بەئەينى بىر زۇلمەت دۇنيا ، بۇ دۇنيا ئ‍اجايىپ بىر دۇنيا يىنىدا بارنىڭ قەددىرىنى قىلمايدىغان  ،ياندا يوقنىڭ ۋايىمنىي يەيدىغان دۇنيا ،
دادا سىزنى بەك سىغىندىم ، سىزنى سىغىنغاندىكى بۇ ھىس -تۈيغۇلۇرۇمنى ئ‍ىپادىلەشكە ئ‍اجىزلىق قىلمەن ، دادا سىزنى بەكمۇ سىغىندىم ،سىز ئ‍ۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈن مەن ئ‍ۈچۈن ئ‍ازابلىق بىر دۇنيا ،يولدا پەرزەنتلىرىنىڭ قولىدىن يۆتلەپ كىتىپ بارغان شۇ جاپكەش دادىلارغا ،زوق -شوق بىلەن تايچاقتەك سەكرەپ ئ‍ەركىلەپ كىتىپ بارغان شۇ بالىلارغا مەسلىگىم كىلىپ قارىسى يۈتكىچە قاراپ قالىمەن ،يىنىمدىكلەر دادا دەپ ئ‍ەركىلىسە يۈرۈكۈم يىرىلىپ كىتىدىغان ئ‍ازابلىنىمەن ،دادام دىگەن بىر ئ‍ىغىز سۆز چقسا ئ‍ىچىم لەختە -قان بولۇپ ئ‍ۆكسىپ -ئ‍ۆكسىپ يىغلىغىم كىلىدۇ،
دادا سىزنى بەك سىغىندىم ،سىز بىلەن ئ‍ۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈنۇم شۇنچىلىك غەم -غۇبارسىز ئ‍ىدى ئ‍ەمما سىزدىن ئ‍ايرىلىپ بۇ خوشالىق كۈنلەر سىز بىلەن كەتتى ،دادا سىز بولغان بولسىڭىز بىزنىڭ ئ‍ازابىمىز ،غەم -قايغۇلىرىمىز بۇنچە كۆپ بولماس ئ‍ىدى ،دادا مەن ھەر بىر ئ‍ازاب -ئ‍ۇقىبەت تارتقاندە ،كىسەلدىن قىينىلىپ قاتىتىق ئ‍ىڭىراپ ياتقاندا دادام يىنىمدا بولسىچۇ ئ‍ازابلانغاب ۋاقتىمدا  ماڭا تەسەلىي بىرىپ يار -يۆلەك ،ئ‍اغىرىق ئ‍ازىبىدا قىينالغىنمدا ماڭا مەدەتكەر ،بىچارە جاپاكەش ،بىزگە ھم ئ‍انا ھەم دادا بولۇپ كىلىۋاتقان شۇ مىھرىبان ئ‍انامغا قول -قانات بولغان بولسىچۈ ،ئ‍ەمما ئ‍ۇ كەلمەسكە كەتتى بىزنىڭ ئ‍ىچىمىزگە ئ‍ۆچمەس ئ‍وت سىلىپ بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى .
دادا سىزنى سىغندىم ئ‍ىلگىرى تىزىراق كەچ بولسا ئ‍ۇخلاپ شىرىن تاتلىق چۈش كۆرۈپ دادام بىلەن چۈشۈمدە بولسىمۇ ھال مۇڭ بولۇپ پاراڭلاشسام ئ‍ىللىق باغرىغا ئ‍ۆزۈمنى ئ‍ىتىپ ھىدىلىرىنى قانغۇچە پۇرىۋالسام ھىچكىم ئ‍ويغاتمىسا رئىالىقتا كۆرەلمىسەمۇ چۈشمدە كۆرۈپ دادا مىھرىدىن ھوزۇر ئ‍السام دەيتىم ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇ شىرىن چۈشلەر مەندىن يىراقلىشىپ ئ‍ەمەليەتىمۇ ھەم چۈشۈمدىمۇ كۆرەلمەيدىغان ھالاتكە چۈشۈپ قالدىم ،
دادا سىزنى سىغىندىم سىز بىلەن كۆرۈشۈپ ھال مۇڭ بولۇپ دەرىمنى ئ‍ىيتىپ باغرىڭىزغا ئ‍ۆزۈمنى ئ‍اتىقىم بار ،
ئ‍ەمما سىزنىڭ يىنىڭىزغا باىمەن دەپلا بارغىلىي بولمايدىكەن كىسەل بازقا ئ‍ۆلۈم باشقا دەپ ئ‍ەجەل كەلمىسە ئ‍ۆلۇش ئ‍اسان ئ‍ەمەس ئ‍ىكەن مەن شۇ كىسەل ئ‍ازبىنى تارتىپ قاتىق ئىڭىراپ سەكىرات ئ‍ازابىي تارتقاندەك ھاللەتكە چۈ شۈپ قالغان شۇ ۋاقىتلاردا ئ‍ۇلۇغ ئ‍ىگەمدى مەن ئ‍الدىغان ئ‍امانىتىنى ئ‍السىدىي دادامنىڭ يىنىغا كەتسەم دەپ تىلەيمەن ئ‍ەممە مىنىڭ جىنىم ئ‍ۇنداق ئاسان چىقمايدىغان ئ‍وخشايدۇ سىزنىڭ يىنىڭىزغا شۇنداق چاقان بارغىلىي بولغان بولسا مەن خىلىي بۇرۇنلام بىرىپ بولغان ئ‍ىدىم ،
مانا ئ‍ەمدى كۈنۇم قىينىلىش ،ئ‍ازاب بىلەن ،ئ‍ىچىم ئ‍ەنسىزلىك قورقۇش بىلەن ،يۈرۈكۈم لەختە قان ئ‍ەلەملەر بىلەن مەن بىر دىلىق سۈنۇق يىتىم قىز دەپ نىدا قىلىپ تۇرماقتىمەن
دادا سىزنى سىغىندىم، مىنى چاقىرىڭ يىنىڭىزغا باراي ،سىز بىلەن دىدار كۆرۈشەي ،دادا سىزنى سىغىندىم ،سىزنىڭ ئ‍ەركىلىتىپ كۆتۈرۈشىڭىزنى ، قۇچىقڭىزدا دۇملاپ يىتىشنى، ئ‍ىللىق مىھرىڭىزدىن ھوزۇرلىنىشنى بەكمۇ سىغىندىم!
  ئ‍ەي ئ‍ۇلۇغ ئ‍ىگەم مەندەك ئ‍اجىز بىر قىزنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئ‍اڭلاپ قويغىن، مىنى دادامنىڭ يىنىغا ئ‍ىلىپ كەتكىن، مىنى دادام بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ بىلە تۈرۈشۈمغا بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئ‍ازابنى ئ‍ۇنتۇپ شۇ كىسەل قوينىن قوتۇلىشىمغا دادام بىلەن ئ‍ۇ دۇنيادا بىلە تۇرىشىمغا نىسىپ قىلغىن !
دادا، سىزنى سىغىندى!م سىز مىنىڭ ئ‍ازابىمنى كۆرۈپ تۇرۋاتامسىز، سىز يىنمدا بولغان بولسىڭىز بۇ ئ‍ازابلىرىمغا بەرداشلىق بىرەلمەس ئ‍ىدىڭىز، جاپاكەش شۇ قەدىرلىك مىھرىبان ئ‍انام مەن ئ‍ۈچۈن كۆيۈپ كۈل بولىۋاتىدۇ. ئ‍انامغا نىمە دەپ رەھمەت ئ‍ىيتىشنى بىلمىدىم. جىنىم ئ‍انا مىنى كەچۈرۈڭ سىزنى جىق جاپالارغا قويدۇم. سىزنى جىق قىيىنچىلىق تارتقۇزدۇم، بۇ ئ‍ەجىرىڭىزنى قانداقمۇ قايتۇرۇپ بولارمەن؟ دادام بولغان بولسا سىزگىمۇ ھەم جىق بىسىم بولماس ئ‍ىدى. دادام بولغا بولسا سىزمۇ قىينالماس ئ‍ىدىڭىز. دادامدىن ئ‍ايرىلپ جىق جاپپا مۇشەقەتلەرنى باشتىن كەچۈردىڭىز بىز ئ‍ۈچۈن سۈيىمىزدە ئ‍ىقىپ ، ئ‍وتىمىزدا كۆيدىڭىز، بۇ ئ‍ەجرىڭىزنى قانداقمۇ قايتۇرارمىز جىنىم ئ‍انا؟
بىز ئ‍ۆيىمىزنىڭ تۈۋرىكى بوران چاپقۇندىن توسۇپ تۇرىدىغان شۇ قەددىي قامەتلىك دادامدىن ئ‍ايرىلىپ خۇددىي ھەممە نەرسىمىزدىن  ئ‍ايرىلغاندەك گاڭگىراش ئ‍ىلىكىدە ئ‍ۆتمەكتىمىز.
دادا سىزنى بەك سىغىندۇق، بۇ ھىس تۇيغۇلىرىمىزنى تىل بىلەن تەۋىرلەشكە ئ‍اجىزمىز...
دادا، جىنىم دادا! سىزنى بەك سىغىندىم! دادا دىگەن بۇ سۆز نەقەدەر سۆيۈملۇك ھەم يىقىملىق ھە! يىنىمدا بولغان بولسىڭىز دادا دىگەن بۇ سۆزنى نەچچە مىڭ رەت دىگەن ھەم ئ‍ۈنلىك ئ‍اۋازدا ۋاقىرىغان بولاتتىم دا…دا………… سىزنى بەك سىغىندىم!
ئ‍اھ بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ كىلىپ -كىتىمىز ،
ھاياتلارنىڭ قەلبىگە داغ سىلىپ كىتىمىز .
ھايات گويا چول ئ‍ەلەمي بەرمەيدۇ ئ‍ۇتلۇق، 
تويماي ئ‍اڭا ئ‍ون بىر قىنى ئ‍ۆلۇپ كىتىمىز ....
          





403 قېتىم كۆرۈلدى گۈلنۇر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 4:02:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-13 17:20:33 رەنا
ئەسىرىڭلار بەك ياخشىكەن،نەسىرلەرنى كۆپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار
2017-1-21 12:16:59 hadigz
.sabir.kilig...siglim
2017-1-21 11:32:37 guzal
bak yahxi yzlptu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ