گىلاس - ئەسلى گاس
رۇقىيە ئابدۇكېرەم
قىپقىزىل قىزىرىپ پىشقان گىلاس كۆزۈمنى ئوغۇرلىماقتا، ھەرقانچە قىلىپمۇ گىلاس قويۇلغان مېۋە تورتتىن مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم ، بۇ گىلاس ئۇنىڭ قىپقىزىل قېنى، كىچىككىنە قىزارغان گىلاس بۇۋامنىڭ ھېكمەت باغچىسىنىڭ بىر ئەزاسى، بۇ گىلاسلا ئەمەس بارلىق ئەبجەش تۇيغۇلۇرۇمغا يۇغۇرۇلغان سېھىرلىك تەم.
خېنە قويۇلغان چىرايلىق قوللۇرۇم بىلەن گىلاسنى قولۇمغا ئېلىپ سۆزلەۋاتىمەن، لېكىن ئۇ شۇنچىلىك بىپەرۋالىق بىلەن ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرماقتا.
بەش يىلنىڭ ئالدىدا، مەن گىلاسقا تولىمۇ ئامراق ئىدىم، چۈنكى گىلاسنىڭ تەمىنى شۇ چاغلاردا ھېس قىلغان، بىر قارىسا شۇنچىلىك تاتلىق، ئېغىزغا سالسا چۈچۈمەل ھەم شېرىن، ئۇماق ھەم يىراق ھېسلارغا تويۇندۇرغان... پارتامغا تىزىلغان گىلاس ئىككىمىزنىڭ پىنھان پاراڭلىرىنىڭ يىپ ئۇچى ئىدى، گىلاسنى ئۇ ماڭا ئاتاپ ئەكىلەتتى، كۆزلىرىمىز قارىشىپ قېلىپ يەنە ئەپ قېچىپ، دەرس ۋاقتىدا گىلاس ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتەتتىم گىلاس رەڭ كەلگۈسىنى ئۇنىڭ بىلەن ياراتسام دەپلا ئويلايتتىم . كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە گىلاس ئۈزۈشنى، گىلاسلىق باغ قىلىشنى ، مۇھەببەتكە تولغا گىلاسنى ھاياتىمغا تىزىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمنى گىلاسقا ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىغانىدىم. بىراق، مەن ئۇنىڭغا پىلانلىرىمنى دېيىشكە تېخى ئۈلگۈرمەيلا گىلاسلىرىم، گىلاسلىق باغلىرىم نابۇت بولدى، ئۇ مېنى تاشلاپ ، قىپقىزىل گىلاسنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. گىلاستەك قىزىل قان ئۇنىڭ تومۇرلىرىدا ئاق قان دانچىلىرىنىڭ زىيادە كۆپىيىشى سەۋەپ ئېقىشتىن توختىغانىدى. شۇڭىمىكىن گىلاسنى كۆرسەم ئۇنىڭ قېنىدا ئۆزۈم ئېقىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن كىيىن گىلاسقا ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدىم، گىلاسنى كۆرسەم كەلگۈسۈمنىڭ قاتىلىدەك تۇيۇلۇپ قېچىپ كېتەتتىم. ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتكەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە گىلاس يەنە ئالدىمغا چىقتى. كۆرشمىگىلى ئالتە يىل بولغان قەدىناس دوستۇم ئالدىمدا ئۈندى-دە، مېنى زورىغا بىر رېستۇرانغا ئەكىردى. بۈگۈن خۇددى سودا قىلمايددىغاندەك ، رېستۇراندا بىزدىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى، تۇيۇقسىزلا ئۇ كۆزۈمنى ئېتىپ قويۇپ ئالدىغا ئىتتەرگىلى تۇردى، ئىككىلىنىش ئىچىدە مېڭىپ ئاخىرى توختۇدۇم.كۆزۈمدىكى لاتا ئېلىۋېتىلدى، ھەيران قالدىم، ئەتراپىمدا كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان تولۇقسىزدىكى ساۋاقداشلىرىم تۇراتتى، شاملاردىن ،رەڭگارەڭ شارلاردىن ئىسمىمنى چىقىرىپ قويغان ، ئۈستىگە جىق گىلاس ئېلىنغان تورتنى كۆرۈپلا يىغلىۋەتتىم. -يىغلىما دوستۇم ،بۇ دەل ئون بەش تال گىلاس، بىز دائىم بىرگە يۈرىيدىغان ئون بەش بالىنىڭ ئىزناسى. -رەھىمە، قارا ،ھەممىمىز گىلاس، بىر سىنىپتا ئوقۇغان، بۈگۈنگە كەلگەندە رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ ، تورتنى يىمىسەڭمۇ گىلاسنى بىرنى قالدۇرماي يە! -ئادىلە توغرا دەيدۇ، دوسلۇق ئۈچۈن بولسىمۇ يە... -يىسۇن ،ھەممىنى يىسۇن!... شۇنچىلىك قىزغىن كەيپىياتتا مىنى دەپ خۇشاللىق سورۇنى ھازىرلىغان ئەزىزلىرىمنىڭ دىلىنى ئاغرىتقۇم كەلمىدى. ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئاغزىمغا گىلاستىن بىرنى سالدىم، خىيالىمدا شۆھرەت گىلاسقا ئايلىنىپ كەتكەندەك ، مىنىڭ ئۆچمەنلىكىممۇ گىلاستىدەكلا بىلىنەتتى. ئەمما، گىلاس باشقىچە تۇيغۇ بەرگەنىدى. ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئون بەش تال گىلاسنى پاپپاكىز يېۋەتتىم . ئىككىلىنىش ،قورقۇش تۇيغۇلۇرۇم ئاللىقاچان يوقالغانىدى، ساۋاقداشلىق، دوستلۇق مېھىر -مۇھەببەت مېنى قايتا گىلاس تەمگە باشلىغانىدى. ئەنە شۇ قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈمدىن كىيىن ،ئويلاپ باقسام مەن گىلاسقا قىزىقىش-ياخشى كۆرۈش-نەپرەتلىنىش-قايتا ئېرىشىش دېگەندەك باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن. ئاتا-ئانام مېنىڭ گىلاسلىق باغ ئارزۇيۇمنى ئاڭلاپ، گىلاسلىق باغ قىلىش ئۈچۈن ھەدەپ تىرىشۋاتاتتى. ئويلاپ قالدىم ھاياتلىقمۇ ئەسلى گىلاس ھايات ئىكەن. ئۆزى شۇنچىلىك كىچىك ھەم چۈچۈمەل ،نەقەدەر قىزىل ھەم جەلىپ قىلارلىق! ئۇنىڭغا يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ،ئاغرىنىشلىرىمىزنى دېسەكمۇ ئېرەن قىلمايدىكەن، ھەسرەت، نەپرەت، مۇھەببەت دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى قۇلاق تۈۋىدىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن ،ھاياتلىق ئەسلى گاس ئىكەن. ئۇنىڭغا ئارتۇقچە سۆزلەش بىھاجەت ، مۇھىمى قەدىمدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىنى ئالغا سىلجىتىشكەن! بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، ئەمما ئۆزۈم يالغۇز . يالغۇز بېرىپ گىلاس تورتنى ئېلىپ گىلاسقا قاراپ ھاياتىمنى سىزماقتىمەن، سۆزلىرىمنى يۈرىكىگە ئويماقتىمەن ،تىلىم دېگەن سۆز قۇلىقىغا كىرمەيدۇ ،چۈنكى ئۇ گىلاس ،ئۆزىدىن چوڭ ھەقىقەتنى سىغدۇرغان گاس! ئەبجەش تۇيغۇلۇرۇمدا بۇدۇشقاق بولۇپ ئۆسكەن،ھېچنىمىنى بىلمەس گاس! ئەي گىلاس، ئۆزۈڭدىن تاتلىق ھەم ئاچچىق گىلاس، سۆزلىرىمنى ،دەرتلىرىمنى سەن ئۈچۈن تۆكسەم ، قۇلاق يوپۇرۋالدىغان يۈزى قارا گاس! بىراق گىلاس، مەن يەنىلا گاسلىقىڭنى سۆيىمەن، قىزىللىقىڭدا يۈرىكىمنى بېزەيمەن، بارچە ھېسلىرىمغا بىردىن بىردىن سېنى تىزىمەن...
2016-يىلى26-ئىيۇن
57 قېتىم كۆرۈلدى | Rukiya | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-27 12:25:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|