شاگىرتىمنىڭ شېئىرى
ئانا بولۇش -پەخرىمدۇر مېنىڭ
مەريەم ئېزىز تامچە
ئانا بولۇش -پەخرىمدۇر مېنىڭ ،
ۋۇجۇدۇمنى كېزەر سۆيۈنۈش .
دىلىمغا يار ئائىلىگە ھەم ،
پەرزەنتىمگە ئوتلۇق كۆيۈنۈش .
ئانا دېگەن جەزىبىدار نام ،
بارچە تىلدا ئەيلىنىدۇ ياد .
جەمئىيەتنىڭ گۈلتاجى ئانا ،
تاپماس روناق ئانىسىز ھايات .
ئانا دېگەن گۈللەر رەناسى ،
جان يايرىتار چېچىپ مۇئەتتەر .
ئۇنىڭ قەلبى مېھىر دەرياسى ،
تۇيغۇلارنى تاتلىق تەۋرىتەر .
ئائىلىنىڭ نۇرلۇق چىرىغى ،
جۆرىسىگە ھەردەم غەمگۈزار .
بارلىغىنى ئاتار مىننەتسىز ،
بالىلارغا بولۇپ پىداكار .
ئىش -ئەمگەكتە ھارماس ئىنساندۇر ،
بار تەڭداشسىز شىجائەت ، سۇبات .
خىيالىدا بىر ئۆينىڭ غېمى ،
بىل :شەخسىيەت ۋىجدانىغا يات .
ھەر ساھەدە تۆھپىكاردۇر ئۇ ،
ئەركەكلەردىن ئەسلا قېلىشماس .
شۇنچە يۈكسەك شۇڭا تەرىپى ،
"يېرىم دۇنيا "- خىسلىتىگە ماس .
ئىللىق باغرى چاچار ھارارەت ،
ئاتا ئەيلەپ بېھىش ھۇزۇرى .
بىر جەمەتكە تالىق ئەمەستۇر ،
بەلكى پۈتۈن مىللەت غۇرۇرى .
شەرەپ ماڭا ئانا بولماقلىق ،
بۇ تەڭداشىز بەختىم ،ئامىتىم .
روخسارىمدا مىسلىسىز شادلىق ،
تاغلار كەبى مەغرۇر قامىتىم .
شەرمى -ھايا ،ئەخلاق بىباھا ،
روھىيتىم بۇ خىسلەتكە يار .
ئائىلىدە تەلەپچان ئۇستاز ،
ئۇدۇم ئېلىپ ئەۋلات تاۋلىنار ،
ئانا بولۇش -پەخرىمدۇر مېنىڭ ،
شۇنچە يۈكسەك قەدىر -قىممىتىم .
ئۆز بۇرچىمنى قىلىمەن ئادا ،
چىن ساداقەت ئۆڭمەس زىننىتىم .
ئاپتور :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭگەتاغ سودا سارىي 2-قەۋەت 25-دۇكاندا
2017.1.16
| 5042 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-15 0:47:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|