سېغىنىپ كەلدىم - مۇستافا 🌺🌹

         
         🌺 🍂  سېغىنىپ كەلدىم🌹🍂

سېغىنىپ كەلدىم يەنە قەلبىم بىر دانىسىنى،
ئىللىق چىراي پەرى سۈپەت يۈرەك پارىسىنى،
تىلەي رەببىم بېرەر بۇسېغىنىش دورىسىنى،
بولاي بىرگە بەرسەڭ يارىم ۋىسالىنى…

سېغىنىپ كەلدىم يەنە ئاشىقىم رۇخسارىنى،
غەمگۈزارىم، نىگارىم ،گۈلشەنىم  رەناسىنى ،
سورىما جاھان ئۇل يارەنىم قىممەت باھاسىنى،
كۆزۈم پەقەت يولىدا كۈتۈپ رەيھان پۇراغىنى،


سېغىنىپ كەلدىم يەنە بۇ يۈرەك داۋاسىنى،
ئىزدەپ يىراقتىن ساقايسا  دەپ شىپاسىنى،
بىلىنمەستۇر قانچە تارتسام  دۇنيا  ئازابىنى،
بولسا يارەن يېنىمدا سۈرسەم ھايات پەيزىنى.

سېغىنىپ كەلدىم يەنە گۈلدەك ياشلىقىم باھارىنى،
ئاي يۈزلۈكۈم،جانانىم كۆزلىرىم نۇر-زىياسىنى،
كۆڭۈل بېغىم،ئالتۇن بويلۇق غۇنچە  سىيماسىنى ،
كۆزلەپ ئۆمرۈم شادلىقى ئاشىقىم ۋىسالىنى،

سېغىنىپ كەلدىم يەنە گۈلى-رەيھان ھىدىنى،
بىلىش ئۈچۈن چىن ۋاپالىق  لەۋزە-ئەھدىنى،
ئېلىپ يۈرەك مەيلىنى،سۆزلىرىمنىڭ راستىنى،
كۈلەي دېدىم ئىچىمدىن بىللە ئۆمۈر تامامى…

🌹مۇستافا
2016-يىلى7-ئاينىڭ 19-كۈنى(ئاقسۇ )

     





108 قېتىم كۆرۈلدى mustafa ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-7 21:58:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ