كۆنۈشۈم كىرەك
ئابدۇسالام
نامايان بولدۇڭ سەن ھاياتىمدا ،
تىز كۆرۈندۈڭ تىز يوقۇدۇڭ ،
خۇددى ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش .
ھەممە ئايغا ھەۋەس قىلار ،
لىكىن ئايمۇ تەنھا ئۆزى ،
مەنمۇ ئەمدى ئايغا ئوخشاش .
ئۆلۈم كەبى ئىغىر كەلسىمۇ ،
ھىچكىم ئۆلگەن ئەمەس پىراق ئوتىدا ،
توختاپ قالغانمۇ ئەمەس ھايات يولىدا .
مەنمۇ كۆنىمەن ، سەن كۆنىسەن ،
يالغۇز يۈرۈشلەرگە، ئازاپلارغا ،
بۇ ھاياتتىكى سىناقلارغا .
مەن ئەمدى كۆنۈشۈم كىرەك ،
ئۇنتۇشلارغا ھەمدە ئۇنتۇلۇشلارغا ،
پىنھان چىكىپ يالغۇز قىلىشلارغا .
ئالغا قاراپ مىڭىشىم كىرەك ،
پەرۋا قىلماي توسالغۇلارغا ،
ھاياتتىكى داۋالغۇشلارغا .
2016-9-15
| 64 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇسالام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-21 11:29:11 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|