ئۇرۇقتىن -غۇنچىگىچە
ئاجايىپ بىر سېھرى كۈچ تۇپەيلى ئانامدەك بىر گۈلنىڭ جىسمىدىن زېمېن باغرىغا چۇشتۇم·《كەمتەر، مېھىرلىك》دەپ تەرىپلىنىپ كېلۋاتقان شۇ تۇپراق مېنى ئۆز قوينىغا ئالدى·
بۇ ئىككى ئۇلۇغ كىشىللىرىمنىڭ تەربىيسىدە ئاستا-ئاستا بىخلىنىشقا باشلىدىم·
زېمىندىن بىشىمنى كۆتۇرگەن شۇ مىنۇتلاردا ئانام مېھىر بېغىشلىيالىغانىلىقى ئۈچۇن كۇلدى ،ئاتام قەيسەرلىكنى ئۆگىتەلگەنلىكى ئۈچۇن مەمنۇن بولدى·
ئانامنى ئۈلگە قىلىپ ئاتامدىن يىلتىزىم ئارقىلىق ئوزۇق ئېلىپ ئۆسۇپ يېتىلدىم .ئانامنىڭ قەلىب نۇرى ماڭا مېھىر مۇھەببەتنى ،ئاتامنىڭ تىرەپ تۇرۇشلىرى چەكسىز ئىشەنچىنى ئاتا قىلدى · شۇشۇنداق قىلىپ مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك غۇنچىغا ئايلىنىپ ،تەڭتۇشلىرىم بىلەن بىرگە تەبىئەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ھەرخىل سىناقلىرغا يۇزلەندىم·
غۇنچىدىن - گۈلگىچە
ئەركىن، بىغۇبار،غەمسىز، ساددىلىقتا ئۆتكەن غۇنچە پەسلىم مەندىن بارا-بارا يىراقلاشقا باشلىدى·18-باھارنىڭ يىىتىپ كېلىشى مېنىڭ بىر گۈلگە ئايلانغانلىقىمدىن بىشارەت بەردى.
ئئانامنىڭ دىيىشچە ،گەرچە گۈلزارلىقتا مەن بىلەن تەڭ شۇنچە گۈللەر ئېچىلغان بولسىمۇ مەنمۇ ئۆزۇمگە خاس بىر گۈۈ بولشىم كېرەككە،
مەن ئەمدىلا ئېچىلغان گۈل، بېشىمدىن قانچلىك بوران چاپقۇنلارنىڭ ماڭا نامەلۇم ،لىكىن ماڭا مەلۇم بولۋاتقىنى شۇكى ياپراقلىرىم پەزىلەتلىرىمگە ۋەكىل بولۇپ ئۇستىمنى بېزىسە، تىكەنلىرىمنىڭ ھەر دائىم غەيرەت ۋە شىجائىتىم سۇپتىدە مېنى قوغداپ تۇرۋاتقانلىقى ئىدى·
122 قېتىم كۆرۈلدى | بۇمەريە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-30 23:39:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|