پىنھان سۆيگۈ

پىنھان سۆيگۈ

 

شئېر

 

خىياللار سۈرىمەن جىمجىت كېچىدە،

 كۆزلەردە ئۇيقۇ يوق نىگارنى ئەسلەپ.

 تەلمۈرۈپ يۇلۇڭغا كۈتكىنىم. قېنى ؟

 ئۆتمەكتە تۈنلىرىم ئۆزەمنى بەزلەپ.

 

 چۈش ئەمەس رىئانلىق كۈتكىنىم سىنى،

 بىلەمسەن مۇھەببەت يۈرەكنىڭ جېنى.

ئىزلەيمەن تولغۇنۇپ ئاشىقلىقىمدىن ،

پىنھانى سۆيگۈمنىڭ پارىسى قېنى.

 

قىينايدۇ بۇ ھىجران ئاتمىدى بۇ تاڭ،

 ئۇيقۇسىز ئۆتمەكتە تۈنلىرىم پىنھان.

ۋىسالسىز ئاشىقلار شۇنداق ئۆتەرمۇ ،

بۇلبۇلدەك زارلاندىم قىينالدى بۇ جان .

 

كەلمىدىڭ تەشنا بۇلۇپ كۈتكەندە سىنى،

 خىياللار شاھ بۇلۇپ سۈرىدۇ دەۋران.

تالاي رەت سېغىنىپ ۋىسال كەپتىرىم،

 پەلەكنىڭ كۆكىدە ئۇچىشار ھەريان .

 

 بىلدىڭمۇ نىگارىم سېغىنغىنىمنى،

سەزدىڭمۇ ئۇيقۇسىز يۈرگەنلىرىمنى.

كۆردىڭمۇ چۈشىڭدە مەڭزىڭنى بويلاپ،

 چاندۇرماستىن لەۋلىرىڭگە سۆيگەنلرىمنى.

 

خىياللار ئىلكىدە بولسام چۈشىڭدە،

سورايسەن جەننەتكە كەپقالدۇقمۇ بىز .

ۋىسالسىز ئاشىقلار ئۇچراشقان تۈنلەر،

باقمىدى بىزلەرگە ئۆتەر شۇنچە تېز.

 

 كۈلمەكتە يەر جاھان جىمى مەۋجۇداد،

 چاۋاكلار چالماقتا ھەتتا دەل دەرەخ.

 بىز سۈرگەن ۋىسالنىڭ پەيزىنى بەلكىم،

ھېس قىلىپ بۇلالماس ھېچقانداق يۈرەك.

 

 ئاپتۇرى ☜ مەمەتجان سامساق

 

 تىلفۇن نۇمۇرۇم . 15599755288





746 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-2 16:12:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-19 22:40:36 ئ‍اسىيگۈل
بەك ياخشى بوپتۇ ، يارايسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ