ۋازكېچىمەن
يازغۇچى :ئابدۇۋارىس ئوسمان
توغرا يولدىن چەتنىگەن ،
ھېچنىم بولماس دېگەن .
بىلىپ تۇرۇپ قىلۋاتقان ،
ئازغانلاردىن ۋازكېچىمەن .
ئۇكۇل قىلىپ سالغان ،
دۇنيادىن ئۈمۇت ئۈزگەن.
تىرىك موردا ئىنساندىن ،
بولدى ئەمدى ۋازكېچىمەن .
دوستۇم دەپ مۇختاجىدا ،
ئىزدەپ قۇيۇپ يالغاندىن .
مەن مۇختاجدا يوقىغان ،
دوسلۇرۇمدىن ۋازكېچىمەن .
ئاغزى بۇزۇق يېقىنىمدىن ،
قۇلقى گاس ئاڭلىماستىن .
يۈركى زەيىپ سوقمىغان ،
شۇنداقلاردىن ۋازكېچىمەن .
پۇلنى كۆرسە ئۆزگەرگەن ،
پۇلسىز قالسا تۈزەلگەن .
يا ئۈزىگە يۈزكىلەلمىگەن ،
يۈزسىزلەردىن ۋازكېچىمەن .
ئەتە دەپ بۈگۇن ياتقان ،
غەپلەتكە چۈكۇپ پاتقان .
ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغان ،
ھورۇنلاردىن ۋازكېچىمەن .
قەسسەمنى تولا قىلغان ،
رىياللىقتىن يىراق بولغان .
ئاق كۆڭۈلنى ئالدىغان ،
ئالدامچىدىن ۋازكېچىمەن .
ساخاۋەتكە قول سۇنمىغان ،
ياكى تاتلىق سۆزقىلمىغان .
كۈلۇپ ئېھسان قىلالمىغان ،
بېخىللاردىن ۋازكېچىمەن .
سىنى ياخشى كۆرمەن ،
نىكاھ بولماي سۈيمەن .
دىگەن شۇنداق قىزدىن ،
تەپتارتماي ۋازكېچىمەن.
قىز كۆڭلىگە ئازاربەرگەن ،
شەھۋەت ھەم ھەۋىسىگە.
زىنا قىلىپ بەرگەنلەردىن ،
نەپرەت بىلەن ۋازكېچىمەن .
شەيتان نەپسىگە قۇل ،
بولغاندىن ۋازكېچىمەن .
بەندىلىكىنى ئۇنۇپ ،
ياشىغاندىن ۋازكېچىمەن.
سۆزلەپ تۇرسام شېئىردا ،
بىغەم يۈرگەن ناداندىن .
ئوقاپ قۇيۇپ ئۆزيۇلدا ،
يۈرگەنلەرىن ۋازكېچىمەن .
| 137 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-6 23:24:35 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|