ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

 

 ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى

 

 ئىنسانلىق خىسلىتىم ئۈزۈمگە ئايان،

 شەيتانغا دۆڭگەيمەن شەيتانلىغىمنى.

 كۆڭلۈمنىڭ كەينىدىن بارسام ھەر قايان،

 تىكىمەن شۇ يەردە بارگاھلىرىمنى...

 

 پۇشماننى يەپ قويدۇم ئاچچىققا چىلاپ،

 قەلبىمدە قېپ قالدى يالتىراق سەزگۈ...

 ئارماننى ئېپ قويدۇم دۇئاغا مىلەپ،

 ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ....

 

 2014-يىل 26-ئاپرىل ئاقسۇ





135 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزتۇرسۇن خەنجەرى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-8 0:10:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ